تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر يەن شوۋلىن فوتوسى، خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىن ئادىل ھاشىم بورداۋاتقان قويلىرىغا يەم-خەشەك بەرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئادىل ھاشىم ئائىلە باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇپ گۈللەندۈرۈپ، بازاردىن گۆش قويى سېتىۋېلىپ قوتاندا بورداپ، بىر تۇتاش سويۇپ سېتىپ، چارۋىلارنى بورداپ قوتاندىن چىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى. بۇ يىل ئۇنىڭ بورداپ قوتاندىن چىقارغان قويى 500 تۇياق بولۇپ، يىللىق ساپ كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرلىكتىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇش بىلەن بىرگە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى