تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

لۇڭيەننى بۇنداق يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن

 

  [لۇڭيەن، ئالقات، چىلان ئۇمىچى] يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، قان تولۇقلاش رولى بار.

    ماتېرىيال: لۇڭيەن مېۋىسى 15 گىرام، ئالقات 10 گىرام، يۇمىلاق گۈرۈچ (粳米) 100گىرام، چىلان 4 تال .

  تەييارلاش ئۇسۇلى: يۇمىلاق گۈرۈچ  (粳米)، لۇڭيەن مېۋىسى، ئالقات، چىلاننى پاكىز يۇيۇپ، قازانغا ئوت يېقىپ، يۇمىلاق گۈرۈچنى قوشۇپ، تەخمىنەن 10 مىنۇت قاينىتىمىز؛ قازانغا لۇڭيەن مېۋىسى، ئالقات، چىلان قوشۇپ، سۇيۇق ئۇماچ ھالەتتە قاينىتىپ تەييارلايمىز.

   [لۇڭيەن، نېلۇپەر ئۇرۇقى، بۆدۈنە تۇخۇمى، شېكەر سۈيى] قاننى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ئاجىزلىقنى قۇۋۋەتلەش رولى بار.

  ماتېرىيال: بۆدۈنە تۇخۇمى 100 گىرام، نېلۇپەر ئۇرۇقى (莲子) 15گىرام، لۇڭيەن مېۋىسى 10 گىرام، ئالقات 5 گىرام، مۇۋاپىق مىقداردىكى شېكەر .

 تەييارلاش ئۇسۇلى: نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ پىلىكىنى ئېلىۋېتىپ، يېرىم سائەت چىلايمىز؛ لۇڭيەن مېۋىسى، ئالقاتنى پاكىز يۇيىمىز؛ بۆدۈنە تۇخۇمىنى پىشۇرۇپ شاكىلىنى ئېلىۋېتىمىز؛ بارلىق ماتېرىياللارنى قازانغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قويۇپ، كۈچلۈك ئوتتا قايناتقاندىن كېيىن، سۇس ئوتتا يېرىم سائەت قاينىتىمىز، ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر سېلىپ قايناتساقمۇ بولىدۇ.

[لۇڭيەن، چىلان، مور شورپىسى] چاچ چۈشۈش، ئاياللاردا ئاق خۇن كۆپىيىپ كېتىشنى داۋالاش رولى بار.

  ماتېرىيالى : لۇڭيەن قېقى، چىلاندىن 10 تال، قارا مور (قۇرۇتۇلغان)، قوڭۇر ناۋاتتىن 15 گرام.

  تەييارلاش ئۇسۇلى: لۇڭيەن قېقى، قارا مورنى پاكىز يۇيۇپ، ئىلمان سۇدا تەخمىنەن تۆت سائەت چىلاپ قويىمىز؛ چىلاننىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، ئىككى پارچە قىلىپ توغرايمىز. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، لۇڭيەن قېقى، قارا مور، چىلان، ناۋاتنى سېلىپ، تەخمىنەن 30 مىنۇت قاينىتىپ، ئىسسىق ۋاقىتتا ئېستىمال قىلىمىز .

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، يۇقىرىقى رېتسىپنى دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىش كېرەك.

                                                                                                                                             خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى