تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچىدە ئاساسىي قانۇن ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-باشلانغۇچ مەكتەپتە، تىيانشان رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى بىلەن تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىرلىشىپ «قانۇننى ھەمراھ قىلىپ، نۇرانە ئۆسۈپ يېتىلىش» يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى. سۈرەتتە: پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار ناخشا-ئۇسسۇل «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىش»نى ئورۇندىماقتا. (جياڭ شياۋ، ما تىڭ فوتوسى)

شىنجاڭ تورى خەۋىرى: مەملىكەت بويىچە 6-قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لۇق رايون(ناھىيە)نى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىشخانىسى، رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسى ھەر خىل شەكىللەردىكى ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى»دە ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش دولقۇنىنى كۆتۈردى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاساسىي قانۇننى مۇھىم، نۇقتىلىق مەزمۇن قىلىپ، 6- قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنى ئاچقۇچ قىلىپ، يۈرۈشلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن نوپۇزىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ شەھەرنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان مەركىزىي شەھەر قۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى جانلاندۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كىرگۈزدى...

12-ئاينىڭ 3-كۈنى، سايباغ رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرلىشىپ ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش، ئاساسىي قانۇن بىلىملىرى لېكسىيەسى سۆزلەش، سودا سارايلارغا كىرىپ شەھەر ئاھالىلىرىگە ئاساسىي قانۇن قوللانمىسى تارقىتىش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇن روھى ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قانۇن ئېڭى كۈچەيتىلدى. سۈرەتتە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى پىدائىيسى(ئوڭدا) شەھەر ئاھالىلىرىگە قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا. (ما يۈەن فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى