تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃0 قا قايتتى، تۇمانلىق ھاۋا رايىدا سىرتقا چىققاندا دىققەت قىلىڭ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى): بۈگۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن ياكى قار ياغىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا بارا-بارا يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە، بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃0، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃13- بولىدىكەن، 3 بال شامال چىقىدىكەن، شەھەرنىڭ جەنۇبىدا 6 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن. 

بۈگۈن بۇلۇتلۇق ياكى قارلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ قورغاستىن ئېرتەيگىچە بولغان بۆلىكى، جىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى، G216 لىنىيەسىنىڭ فۇكاڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G3016 لىنىيەسىنىڭ قورغاستىن غۇلجىغىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، باشقا ھەر قايسى لىنىيە بويلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى