تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئەركىننىڭ «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناۋايخانىسى

  ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۇەن-دۇڭسەن رايونى لۇساۋگۇ يېزىسى دۇڭيۈەن مەھەللىسىدىكى «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناۋايخانىسدا، ئەركىن ئىمىن (ئوڭدا) بىلەن جياڭ خۇڭجۈن تونۇردىن ئەمدىلا چىققان ئىسسىق نانلارنى تىزماقتا. سۇڭ جيەنخۇا فوتوسى

  «ئىسسىق نانلار تونۇردىن چىقتى، يېسىڭىز ئاشقازىنىڭىز ئىللىيدۇ، كۆڭلىڭىز تېخىمۇ ئىللىيدۇ...» 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۇەن-دۇڭسەن رايونى لۇساۋگۇ يېزىسى دۇڭيۈەن مەھەللىسىدىكى «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناۋايخانىسىنىڭ خوجايىنى ئەركىن ئىمىن بىر تەرەپتىن ئىسسىق ناننى تونۇردىن قومۇرغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن خېرىدار جەلب قىلىۋاتاتتى. بىر چەتتە ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۇەن-دۇڭسەن رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ دۇڭيۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جياڭ خۇڭجۈن خېرىدارلار ئالغان نانلارنى خالتىغا قاچىلاپ بېرىش، پۇل يىغىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  ئەركىننىڭ «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناۋايخانىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، جياڭ خۇڭجۈن ۋە باشقا خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دائىم ۋاقىت چىقىرىپ نۆۋەتلىشىپ ياردەملىشەتتى.

  2018-يىلى، ئەركىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونىدىن دۇڭيۈەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ۋاقىتلىق ئىشلەپ كۈن كەچۈرەتتى، ئەركىن ناۋايلىق قىلىشنى، سامسا يېقىشنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ناۋايخانا ئاچماقچى بولدى، لېكىن ئۇنىڭ دۇكان ئېچشقا دەسمايىسى كەم ئىدى ھەم مۇۋاپىق دۇكانمۇ تاپالمىغانىدى.

  جياڭ خۇڭجۈن بىر قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا ئەركىننىڭ پىلانىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ ئەھۋالنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جىڭ جيەنگە دوكلات قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە كومىتېتى بىرلىكتە ئەركىننىڭ ناۋايخانا ئېچىشىغا قانداق ياردەم بېرىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى.

  جىڭ جيەن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، دۇڭيۈەن مەھەللىسىدە بىر ناۋايخانىنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ئەگەر ئەركىننىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرەلىسە، ئۇنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئاھالىلەرگىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىلاتتى. خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە كومىتېتى بىرلىكتە ئەركىننىڭ دۇكان تېپىشىغا، رەسمىيەت بېجىرىشىگە، يېڭى تىپتىكى مۇھىت ئاسرايدىغان تونۇر سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى. «جەدىۋەل تولدۇرۇشنى بىلمىسەم كۆپچىلىك قولمۇقول ماڭا ياردەملىشىپ تولدۇرۇشۇپ بەردى، مۇھىت ئاسرايدىغان تونۇرنى ئىشلىتىشنى بىلمىسەم، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى چۈشەندۈرۈش قەغىزىنى ئېلىپ مەن بىلەن بىللە تەتقىق قىلدى...» دېدى ئەركىن.

  تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرگەندە، ناۋايخانىنىڭ ئىسمىنى يېزىشقا توغرا كېلەتتى، ئەركىن: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناۋايخانىسى دەپ ئىسىم قويدى. لېكىن بۇ ئىسىم ئاللىبۇرۇن رويخەتكە ئېلىنىپ بولغانىدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئەركىن ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ ئارقىسىغا «بىر ئائىلە كىشىلىرى» دەپ قوشۇپ دۇكان نامى قىلدى.

  ئەركىن يەنە بىر نەچچە پارچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى تەشۋىقات رەسىمى سېتىۋېلىپ ناۋايخانىغا ئېسىپ قويدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى بولغاچقا، مېنىڭ بۇ ناۋايخانام ئېچىلدى، ناۋايخانام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىنىڭ گۇۋاھچىسى».

  بىر ئاي ئىلگىرى ناۋايخانا تىجارەت باشلىدى، ئەركىن بىرىنچى قېتىم ياققان ناننى مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە ۋە تەۋەلىكىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرگە سوۋغا قىلدى. ئەركىن مۇنداق دېدى: «ياخشى كۈنىمىز تۇغقانلارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆز قولىمىزغا تايىنىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك». (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇڭ جيەنخۇا)

  «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى