تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۆكتوقاي ناھىيەسى: خالىسانە كېسەل كۆرۈش دېھقانلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا كۆكتوقاي ناھىيەسى دۈرە بازىرى جىنباۋ كەنتىدە خالىس كېسەل كۆرۈۋاتقان دوختۇر مۇرال قىياز يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «تاماكا تاشلاش، ھاراقنى ئاز ئىچىش، كۆپرەك مېڭىپ بېرىش، گۆشلۈك ۋە گۆشسىز تاماقنى ماسلاشتۇرۇشقا دېققەت قىلىش، تۇز ۋە قەنتنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.»

  كۆكتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-سەنئەت، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ دۈرە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە دۈرە بازارلىق شىپاخانا كۆكتوقاي ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ماسلىشىپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  بۇ قېتىمقى خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىدە ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈمى، ئىقتىدار بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەردىن 10 مۇتەخەسسىس نەق مەيدانغا كېلىپ، ھەر بىر بىمارنىڭ كېسىلىنى تەپسىلىي كۆردى ۋە ئۇلارنىڭ قان بېسىمىنى، يۈرەك سوقۇشىنى ئۆلچەپ، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈپ، يىڭنە بىلەن سانجىپ داۋالاش ئېلىپ باردى.

  كەنت ئاھالىسى نۇرگۈل ئارمان خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا، ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلىرىغا كېسىلىمىزنى كۆرسەتتۇق، مېنىڭچە، بۇ خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ، بۇ پائالىيەت بىزگە پارتىيەنىڭ غەمخورلىقىنى ھېس قىلدۇردى، خىزمەت ئەترىتى ۋە داۋالاش خادىملىرىغا رەھمەت». (ماقالىنى ئالتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن نۇرلاش سراش، مىڭ يۈخۇا تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى