شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى - قالدۇردى:
بىرىنچى، ليۇ جىنسۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
ۋاڭ يۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئىككىنچى، ۋاڭ توڭچىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
جۇ جىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئۈچىنچى، لياڭ يۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ مىللەتلىك بولىۋىيە دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
خۇاڭ ياجۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ مىللەتلىك بولىۋىيە دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
تۆتىنچى، جيا گۈيدېنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پېرۇ جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
لياڭ يۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پېرۇ جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.