تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ سالۋادور زۇڭتۇڭى بۇكېل بىلەن سۆھبەتلەشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەلق سارىيىدا سالۋادور زۇڭتۇڭى بۇكېل بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ بۇكېلنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سالۋادورنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقە تارىخىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق چوڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، تارىخىي تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلاشتى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ئالماشتۇرۇشى كۈندىن - كۈنگە قويۇقلاشتى، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى سىجىل كېڭەيدى، ئۆزئارا چۈشىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگو - سالۋادور مۇناسىۋىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك توغرا قارارنى چىقىرىشى، سىياسىيونلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. سىز، جۇڭگو - سالۋادور مۇناسىۋىتىنىڭ «ئىستىقباللىق، كەلگۈسىنىڭ پارلاق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردىڭىز، مەن بۇنى قۇۋۋەتلەيمەن. جۇڭگو تەرەپ سالۋادور تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ئاساسىدا ئۆزئارا ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، سۈپەت تەكشۈرۈش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىدا يارقىن نۇقتا بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سالۋادور تەرەپنى قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. سالۋادور تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاش ئۈستۈنلۈكىنى ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو سالۋادوردىن شېكەر، قەھۋە قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى پائال كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، پارتىيە، يەرلىك، سودا - سانائەت، ياشلار، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەت قىلىپ باققان نۇرغۇن سالۋادورلۇق دوستلار جۇڭگوغا كېلىشتىن بۇرۇن، جۇڭگونىڭ ئۇلارغا نىسبەتەن بىر سىر ئىكەنلىكىنى؛ جۇڭگوغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو مەستانىسىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز سالۋادورنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئايلىنىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - سالۋادور مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ جەمئىيەت ۋە ئەلرايى ئاساسى سېلىپ، جۇڭگو - سالۋادور مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

بۇكېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سالۋادور خەلقى مېنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشۇمغا يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلدى ھەم ئۈمىدكە تولدى. جۇڭگو بىر ئۇلۇغ دۆلەت، خەلقئارا سەھنىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، مەن جۇڭگونىڭ شانلىق تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئىنتايىن قايىل. سالۋادور بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋاقتى ئۇزاق بولمىسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇن كۈچ ئىنتايىن زور، ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىنىڭ ياخشى ھەمراھى، ياخشى دوستى بولۇشىغا پۈتۈنلەي ئىقتىدارى بار. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇنداق ئۇلۇغ دۆلەت ۋە سەمىمىي دوست بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سالۋادورنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، سالۋادور خەلقىگە ئەمەلىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مۇددەت دوستلۇق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچەپ، سالۋادور - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى باشقا مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى بىلەن توقۇنۇشتۇرماي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە بىر ئۈلگە تىكلەپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. سالۋادور تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا پۈتۈنلەي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ سالۋادورنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، سالۋادور تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن مەبلەغ سېلىش، سودا، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. زىيارىتىمنىڭ سالۋادور - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ تۈردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى دۆلەت بىرلىكتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سالۋادور جۇمھۇرىيىتى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا بۇكېلنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن، ياڭ جيېچى، جاڭ چۇنشيەن، ۋاڭ يى، ما بياۋ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.