تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭ خەۋىرى، فوتوسى) قىش پەسلى، بىر مەيدان سوغۇق ئېقىم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ قىسمەن كۆل يۈزىدە بىر كېچىدىلا ئەينەكتەك تەكشى مۇز تۇتۇپ، قۇياش نۇرىدا خىلمۇخىل رەڭدە كۆرۈنۈپ، چۈشتىكىدەك گۈزەل چوڭ سەھنە پەيدا بولدى، نۇرغۇن ئاق قۇ بۇ يەردە ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، ئوينىشىپ، پات-پات «مۇز ئۈستىدىكى بالېت» ئويناپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلدى.