تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭ 2020-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش پات ئارىدا باشلىنىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى) شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 2019-يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 10 دىن 12-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 18گىچە؛ مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 2020-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 10دىن 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 18 گىچە بولىدىكەن.

  12-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىدىن ئىگىلىشىچە، گۈزەل سەنئەت تۈرى، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)» ئارقىلىق، «شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سىستېمىسى» غا كىرىپ، تەلەپ بويىچە توردا تىزىملىتىپ، ئىمتىھان نۇقتىسىنى جەزىملەشتۈرۈپ، توردا تىزىملىتىشقا قاتناشسا بولىدىكەن، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە تولۇقلاپ تىزىملىتىشقا بولمايدىكەن. ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار توردا تىزىملىتىپ، ھەقنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سىستېما كەسىپتىن ئېلىنىدىغان بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بىر تۇتاش رەتكە تۇرغۇزىدىكەن، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسى» نى بېسىپ چىقىرىپ، كەسپنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش كىنىشكىسى، ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىككە ئاساسەن بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسى ئۈرۈمچىدە تەسىس قىلىنغان؛ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسى ئۈرۈمچى، كۇيتۈن، قەشقەردىن ئىبارەت 3 جايدا تەسىس قىلىنغان؛ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە بىر تۇتاش ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار پەقەت بەلگىلەنگەن ئىمتىھان نۇقتىسىدا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشالايدىكەن.

  گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەردىن بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ۋاقت 2020-يىل 1-ئاينىڭ 5-كۈنى بولۇپ، ئىمتىھان ئېلىنىدىغان تۈرلەر: سىدام سىزما، تېز سىزما، رەڭ ئىكەن؛ مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەردىن بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ۋاقت 2020-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولۇپ، ئىمتىھان ئېلىنىدىغان تۈرلەر: ئاساسىي مۇزىكا نەزەرىيەسى، مۇزىكا ئاساسىي ساۋاتلىرى، قاراپ ئېيتىش، ناخشا- مۇزىكا، ساز قاتارلىقلار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى