تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

قاراماي شەھىرى: مېھىر-شەپقەت تۇتقۇچى يول يۈرۈشىڭىزگە ھەمراھ

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، قاراماي شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) يۈەنجېڭ مەھەللىسىىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شىنجاڭ بېيكېن ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ تەۋەلىكتىكى چېنىقىش مەيدانى، ياشانغانلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىنالارغا «مېھىر-شەپقەت تۇتقۇچى» ئورنىتىپ بەردى.

   ئىگىلىنىشىچە، خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش داۋامىدا تەۋەلىكتىكى كىچىك چېنىقىش مەيدانىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى پەلەمپەيگە، مەھەللىدىكى ياشانغانلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىنالار ۋە مېيىپلەر ئولتۇراقلاشقان بىنالارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا تۇتقۇچ ئورنىتىلمىغانلىقىنى بايقىغان، خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە ئاھالە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئورتاق قۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە ياشانغانلار ئۈچۈن «مېھىر-شەپقەت تۇتقۇچى» ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق ياراتقان.

   نۆۋەتتە، ئۈچ ئورۇنغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 نەچچە مېتىر كېلىدىغان «مېھىر-شەپقەت تۇتقۇچى» ئورنىتىلىپ بولغان، قىشنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغان، پۇختا ھەم چىداملىق تۇتقۇچنى تۇتقان لىن موما باش بارمىقىنى چىقىرىپ مۇنداق دېدى: «سىلەرگە رەھمەت، تۇرمۇشۇمدىكى چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەردىڭلار، قار ياغقاندا تۇتقۇچنى تۇتۇۋالسام، يىقىلىپ كېتىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم».

(قاراماي شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) يۈەنجېڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن پالجان ئاقان، شيا پىڭ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى