تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دەي شياۋيې، پىراكتىكانت مۇخبىر لو بېيبېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاڭ لى خەۋىرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى كۇردېنىن مەنزىرە رايونىدا، دەريا بويىدىكى تېرەك، قارىياغاچ، قېيىن دەرىخى ۋە ياۋا ئۆرۈك دەرىخىنىڭ شاخلىرىدا، مۇز كىرىستالى پەيدا بولۇپ، پۈتكۈل جىلغىدا، ھەيۋەتلىك تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.
كۇردېنىن مەنزىرە رايونى بىلەن توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئارىلىقى 88 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان تاغ ئارىسىدىكى كەڭ جىلغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 14 كىلومېتىر، كەڭلىكى بىر كىلومېتىر كېلىدۇ. جىلغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1500 مېتىر كېلىدۇ. ئۆزگىچە يېرى شۇكى، ئادەتتە تاغ جىلغىلىرى كۆپىنچە تاغنى بويلاپ تۆۋەنگە چۈشىدۇ، پەقەت مۇشۇ كەڭ جىلغىلا قار تاغلىرى بىلەن پاراللېل بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىك بۇ يەرنىڭ قىش مەنزىرىسىنى ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە قىلغان.
كۇردېنىننىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 87 بولۇپ، بۇ يەر يەر شارى بويىچە قارلىق تاغ شەمشادى ئەڭ مەركەزلىك تارقالغان رايون بولۇپلا قالماي، يەنە «قارلىق تاغ شەمشادى يۇرتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.