تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

توقسۇ ناھىيەسى: كىچىك كەپتەر «بېيىش قۇشى»غا ئايلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى جىندۇڭ خەۋىرى): شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى تامتوغراق يېزىسىدا، تيەنيۈ كەپتەر باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تىلغا ئېلىنسا، ئاساسەن بىلمەيدىغان كىشى يوق.

  11-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىر تامتوغراق يېزىسى چولاقشەھەر كەنتىدىكى كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر كىچىك قورۇدا ئىككى قاتار قوش قەۋەتلىك زامانىۋى كەپتەر باقمىچىلىق پارنىكىنىڭ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى، پارنىكنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى رەڭلىك پولات ئۆي ئىچى كەپتەر بىلەن لىق تولغان ئىدى، ئاستىنقى قەۋەتتىكى كاتەك-كاتەكلەردە ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان باچكىلار بار ئىدى، گەرچە كەپتەر سانى كۆپ بولسىمۇ، ھويلا ئىچى بولسۇن، ياكى پارنىك ئىچى بولسۇن، ئىنتايىن پاكىز بولۇپ، ھېچقانداق غەيرىي پۇراق يوق ئىدى.

  2018-يىلى توقسۇ ناھىيەلىك يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ چولاقشەھەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى جاڭ باۋلىن سىرتقا چىقىپ كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كەپتەر بېقىپ بېيىشتىن ئىبارەت سودا پۇرسىتىنى كۆزلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىدىن ئاز سوممىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېجىرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، كەپتەر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆردى. «<توقسۇ دورا-دەرمەكلىك كەپتىرى> داڭلىق، بۇنىڭ بازار ئىستىقبالى ياخشى، دېھقانلارغا كەسپىي تېخنىكىنى ياخشى ئۆگەتسەكلا، كەپتەر بېقىشتىن چوقۇم پۇل تاپقىلى بولىدۇ» دېدى جاڭ بالىن.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، چولاقشەھەر كەنتىدىكى 10 ئائىلىلىك دېھقان 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، تيەنيۈ كەپتەر باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، كەنت كادىرلىرى ھەمدە كوپىراتىپ ئەزالىرى كەپتەر باقمىچىلىق كەسپىگە باشچىلاپ كىرىشىپ كەتتى، تاماق يېيىش، ئۇخلاش ۋە كۈندىلىك خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتتا، كۆپچىلىك ھەر كۈنى دېگۈدەك كەپتەرنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلدى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى، بېقىش بىلىملىرى، كۈندىلىك پەرۋىش قىلىش قاتارلىقلار كۆپچىلىك مۇزاكىرە قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى. «بىز ئەڭ بۇرۇن سېتىۋالغان كەپتەرنىڭ سورتى بىرقەدەر مۇرەككەپ ئىدى، ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئارقىلىق، ھازىر كەپتەر سورتىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى بىرقەدەر مۇقىملاشتى، بۇ يىل 5000 كەپتەر سېتىلدى، كېلەر يىلى 10 مىڭنى سېتىپ چىقىرىشنى پىلانلىدۇق، ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، يىللىق سېتىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ» دېدى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى ئەلى ھوشۇر.

  تيەنيۈ كەپتەر باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ كەپتەر بېقىش قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولدى، كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە كوپىراتىپقا كېلىپ تەلىم ئېلىپ، ئۆز ھويلىسىدا كەپتەر بېقىشقا باشلىدى.

  كىچىك كەپتەر «بېيىش قۇشى»غا ئايلىنىپ، چولاقشەھەر كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ كەپتەر باقمىچىلىق كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، ھازىر ئۇلارنىڭ يەنە يېڭى پىلانى بولۇپ، كەپتەر پىششىقلاش، تازىلاش، ئوراپ قاچىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىپ، كەپتەرچىلىك كەسپىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىمەكچى.

  ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى