12- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئەتىگەن سائەت 8 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولدى.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى، جاڭ ۋەندې فوتوسى): بۈگۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن ياكى قار ياغىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃4-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃12- بولىدىكەن، 3 بال شامال چىقىدىكەن. ئەتىگەن ۋە كەچتە كۆرۈش ئېنىقلىق دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن.
بۈگۈن 5 ~ 6 بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگۇغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال ئېغىزى رايونى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى كونا شامال ئېغىزى، S319 ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي دېڭىز شامىلى رايونى بۆلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.