تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ھەققانىي تەدبىر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر

بىر مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، نۇرغۇن بىلىملىك زات بەس - بەستە ئالقىشلىدى، لېكىن غەربتىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراش تۈپەيلىدىن، بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئايرىم سىياسىيونلار خۇپىيانە غەرەز بىلەن، باشتىن - ئاخىر «رەڭلىك كۆزەينەك»تە جۇڭگوغا قارىدى، شىنجاڭغا قارىدى، ئۇلار پاكىتقا كۆز يۇمۇش، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش، ھەقنى ناھەق دېيىشتەك ئادەتلەنگەن ھىيلە - نەيرىڭىنى ئىشلىتىپ، جان - جەھلى بىلەن ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسىنى قوزغاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يامان غەرەزدە كۆپتۈرۈپ، جۇڭگوغا خالىغانچە قارا چاپلىدى. ئۇلار جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقى ۋە ئەسەبىزمنىڭ زەھەرلىشىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان بىر قىسىم جەمئىيەت توپلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشتىكى غايەت زور قىزغىنلىقىنى نەزەرگە ئالماي، شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىگە ھە دەپ ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان، ھەتتا تەلۋىلەرچە جۇڭگونى پارچىلاشقا، مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇشقا كۈشكۈرتىدىغان، قۇترىتىدىغان رەزىل ئەپت - بەشىرىسى ۋە يامان نىيىتىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭغا بىز قەتئىي قارشى تۇرىمىز. قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت تېررورىزم، ئەسەبىزمنى مەنبەدىن يوقىتىش، بۇ تامامەن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە كاپالەتلىك قىلىدىغان تەدبىر بولۇپ، ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. ئاتالمىش «تەلىم - تەربىيە مەركىزى مەسىلىسى»نى باھانە قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم»نى قوللىنىپ، شىنجاڭغا ھە دەپ ھۇجۇم قىلىپ قارا چاپلاش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، تېررورىزم، ئەسەبىزمنى قانات ئاستىغا ئالغانلىق، ئۇنىڭغا يول قويغانلىق بولۇپ، خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيلىققا شۇنداقلا ئىنسانىي ۋىجدانغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، بۇنىڭغا بارلىق ئاق كۆڭۈل ۋە ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان كىشى لەنەت ئوقۇيدۇ، بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقى ھەرگىز قوشۇلمايدۇ.

بىرىنچى، قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى ھەققانىي تەدبىر

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، شىنجاڭ رايونىدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) يۈزبېرىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئامما زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، نەچچە يۈز نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، مال - مۈلۈك زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەبنى سۈرۈشتۈرگەندە دەل ئەسەبىزمنىڭ نەيرەڭۋازلىق قىلغانلىقىدۇر. ئەسەبىزم دائىم دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، بارلىق زامانغا لايىق قاراش ۋە زامانىۋى مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئاتالمىش «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» سەپسەتىسىنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاپ، دىننى دەستەك قىلغان ئەسەبىزم ھاكىمىيىتى قۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. قانلىق پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەسەبىزم ئىدىيەسى ئۆزىنىڭ قارىغۇلارچە نادان ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ئۇنىڭغا مەجبۇرىلىغۇچىلارنى چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىرىدىغان مەنىۋى ئەپيۈن بولۇپ، ئۈزۈل - كېسىل ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ئىدېئولوگىيە. ئەسەبىزم بىر كۈن يوقىتىلمىسا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى توسۇش تەسكە توختايدۇ.

كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، شىنجاڭ «بىر قولدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىش ۋە تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) يۈزبەرمەي، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا باستى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» قا قارىتا ئىشەنچكە تولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، ئەسەبىزمدىن يۇقۇملانغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئاممىنى قانۇن، ماھارەت ۋە دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە باسقۇچلۇق تەربىيەلەش تېررورىزم، ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كۈچلۈك تەدبىر، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، يېڭىلىق يارىتىلغان تەدبىر، ھەققانىي تەدبىر.

ئىككىنچى، قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر

جۇڭگو قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىللىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تايانچى. دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق روھى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ يەرلىك نىزامى ئورتاق ھالدا كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىشنىڭ قانۇن نەزەرىيەسى ئاساسى ۋە قانۇن ئاساسىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 4 - ماددىسى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نىڭ 17 - ماددىسى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، ئەسەبىزم ئىدىيەسىنىڭ يۇقۇملىشىغا ئۇچرىغان، مەجبۇرىلىنىپ جىنايى قىلمىشى يېنىك بولغانلارنى تەربىيەلەش - قۇتقۇزۇۋېلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى دەل ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈش پىرىنسىپىنى نامايان قىلغانلىق، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن تەربىيەلەش - قۇتقۇزۇۋېلىش فاڭجېنىنى نامايان قىلغانلىق بولۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇقەررەر تاللاش.

شىنجاڭدا قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت تېررورىزم، ئەسەبىزمنى تۈگىتىش. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ باققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنى بىلىدۇكى، بۇ جاي پۈتۈنلەي تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشىغا، قانۇن بىلىملىرىنى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئوچۇق شەكىللىك جەمئىيەت مەكتىپى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كەسپىي ئاساسى پۇختا، ئۇنىۋېرسال ئادەم تەربىيەلەشكە ماھىر تايانچ ئوقۇتقۇچىلار، قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، نوپۇزلۇق كەسپىي تېخنىكلار سەپلەنگەن بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەردىكى قانۇنچىللىق ئېڭى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولۇش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەسەبىزم ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، قانۇن بىلىملىرىنى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى، كەسپىي ماھارەتنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، شۇ ئارقىلىق تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئەسەبىزم ئىدىيەسى ئاڭلىق ھالدا تۈگىتىلىدۇ.

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي پىرىنسىپىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن تەربىيەلەنگۈچىلەرنى كىشىلىك قەدىر - قىممەت جەھەتتىن ھاقارەتلەش ۋە خورلاشنى قاتتىق مەنئى قىلدى؛ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تۈرلۈك قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى ۋە ئۆرپ - ئادىتىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن سوممىلىق ھەقسىز ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى قوغدىدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆيلىرىگە قايتقاندا قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش - قاتناشماسلىقنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلىدى. شىنجاڭغا كېلىپ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلغان چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئۆزلىرى كۆرگەن ھەقىقىي ئەھۋالنى بەس - بەستە خەۋەر قىلدى. مەسىلەن: تۈركىيە تاراتقۇسى DHA مۇنداق بىلدۈردى: كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ئادىمىيلىك بويىچە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، خورلاش قىلمىشى ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش يوق ئىكەن، تەربىيەلەنگۈچىلەر ناھايىتى خۇشال ئۆگىنىدىكەن، تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تۈرلۈك تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، ياتاقلىرىغا بىرتۇتاش رادىيو، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ سەپلەنگەن. داۋالاش ئۆيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ساغلاملىق بويىچە تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىدى. ۋاسكېتبول، ۋالىبول، تىكتاك توپ قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەت مەيدانلىرى، كىتاب ئوقۇش ئۆيى، كومپيۇتېر ئۆيى، كىنو قويۇش ئۆيى قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەت سورۇنلىرى ھەمدە مۇراسىم زالى، ئۇسسۇل سەھنىسى قاتارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرىنى قويۇش سورۇنلىرىنى قۇردى ھەم ھەرقايسى مىللەت ناخشا - ئۇسسۇل، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىنى دائىملىق ئۆتكۈزۈپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نۇرغۇن ئېھتىياجىنى ئەڭ زور چەكتە قاندۇردى. ئىلگىرى شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت قىلغان ئافغانىستان پاجىۋوكې ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئابدۇللا ئەزىز مۇنداق دېدى: «تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بۇ، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىكى ئەھۋالغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن. خەۋەرلەردە تەربىيەلەنگۈچىلەر سولاپ قويۇلغان، مەجبۇرلانغان دېيىلگەن، بىراق مېنىڭ كۆرگىنىم، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، مەكتەپتە تۈرلۈك دەرسلەرنى ئۆگىنىدىكەن، كېسەل بولۇپ قالسا، ئوقۇتقۇچىلار كېسەل كۆرسىتىشكە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، يەنە ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيىتى سورۇنلىرىمۇ بار ئىكەن».

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسەبىزم بىلەن يۇقۇملانغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر توپىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. قەشقەر شەھىرىدىكى تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى تاڭنۇر زۇنۇننىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئىلگىرى قانۇن قارىغۇسى ئىكەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن قىزىنى ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇرلىغان. قىزى قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، لىق بىر قاپ ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىچىۋېلىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنىپتۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قىزى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئاز گەپ قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇ تەربىيەلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ئۇنىڭ قىزىغا خىزمەت تونۇشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ قىزى بىلەن بولغان ئارازلىقنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىپتۇ. تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بوپتۇ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرغان قىزى بىر قېتىم ئۇنىڭغا: «ئانا، مەن ئىلگىرى سىزدىن نەپرەتلىنەتتىم، لېكىن ھازىر نەپرەتلەنمەيمەن. بىز دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن نەپرەتلىنىشىمىز كېرەك، ئۇ بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلىمىزگە زىيانكەشلىك قىلدى» دېگەن.

ئۈچىنچى، قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت

شىنجاڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەسەبىزم ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ھەمدە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى يېنىك بولغانلارنى ئەڭ زور چەكتە تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئەڭ زور چەكتە تۈگىتىپ، ھەربىر پۇقرانىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

تەربىيەلىنىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئۆستى، قانۇنچىللىق ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئۇلار دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى پىششىق ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، ئەمەلىي ماھارەت ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ روھىي كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدى. نۆۋەتتە تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلەش تەلىپىگە ئومۇميۈزلۈك يەتتى ھەم تەربىيەلىنىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى زاۋۇت ياكى باشقا كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتى، بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى، يەنە بەزىلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەرگە بېرىپ داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇپ ئۆگەندى. تۇرپان شەھىرىدىكى تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى ساتتار زۇنۇن تېررورىزم، ئەسەبىزم ئۈن - سىن فىلىملىرىنى كۆرگەچكە، ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن چوڭقۇر يۇقۇملىنىپ، دائىم ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە «كاپىر» لارغا قارشى تۇرۇشنى تەرغىب قىلىپ، پۈتۈن خىيالىدا «غازات يولىدا شېھىت بولۇپ جەننەتكە كىرىش»نى ئويلىغان. ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، ئۇ ئەسەبىي ئىدىيەدىن قۇتۇلۇپ، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىنى قايتىدىن ئۇرغۇتتى. تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن ئاشپەزلىك ماھارىتىگە تايىنىپ، خوتۇنى بىلەن بىر كىچىك ئاشخانا ئېچىپ، ھەركۈنى 500 يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى، يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئېجىل، ھەرقايسى دىنلار ئىناق، رايىش، خەلق تۇرمۇشى تىنچ - خاتىرجەم بولدى، جەمئىيەت كەيپىياتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلىملىرىگە، مەدەنىي تۇرمۇش ئادىتىگە ئىنتىلىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. ھەر مىللەت خەلق كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلدى، ئومۇميۈزلۈك قوللىدى، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى ياخشى ۋەزىيىتىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، تەلىم - تەربىيە خىزمىتى بولمىسا، بۈگۈنكى خاتىرجەم، مۇقىم كۈنلەرنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

2018 - يىلى 12 - ئايدىن بۇيان، بىر قىسىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار قاتارلىق 71 تۈركۈم ئۆمەك - گۇرۇپپا، 90 نەچچە دۆلەتتىن 1000 دىن ئارتۇق كىشى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى. ئۇلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا: ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى غەربتىكى ئايرىم سىياسىيونلار ۋە تاراتقۇلارنىڭ دېگىنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۇسۇلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن ئىكەن، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋە ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن، دەپ بىلدۈردى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلغان بىر قىسىم چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرلىرى خەۋەر - ماقالە ئېلان قىلىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ تونۇشتۇردى. مىسىر «پىرامىدا كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىشى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياشلارنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى جەمئىيەتكە قايتىدىن سىڭىپ ۋە توغرا يولدا مېڭىپ، تېررورىزمنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن يىراق تۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن».

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەققانىيەت كىشىلەر قەلبىدە. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئايان. بىز غەربتىكى ئايرىم سىياسىيونلار ۋە تاراتقۇلارنى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى «قوش ئۆلچەم»نى چۆرۈپ تاشلاپ، ئاتالمىش «تەلىم - تەربىيە مەركىزى مەسىلىسى»دە يەنە قۇسۇر تېپىشنى توختىتىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى