تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوتەن ۋىلايىتى: خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىغا يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، شيا چىڭ، خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ يۇڭ

2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «2+8» مەخسۇس تۈزەشنى، «3+3+1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۆگىنىش» بىلەن «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈپ، ئىنچىكە تەدبىر تۈزۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، ئوڭ - سول ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق ئۈچۈن قىلىپ بېرىلىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش جەھەتتە، خوتەن ۋىلايىتى تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنى مەركەزلىك قوبۇل قىلىپ داۋالاش نۇقتىسىدىن 13نى تەسىس قىلىپ، داۋالاش خادىمىدىن 462نى سەپلىدى. 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگە قەدەر، نامرات تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنىڭ ھەممىسى مەخسۇس تۈر مەبلىغى بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنىڭ تاماملىنىش نىسبىتى %100 بولدى، نامرات ئاھالىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى تاماملاش نىسبىتى %100 بولدى.

«مېنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىم بار، شىپاخانا دوختۇرلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى بىلىۋالدىم، دوختۇرلارنىڭ كېلىشىم تۈزۈپ مۇلازىمەت قىلىشى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن...» دېدى خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسى تۆۋەن گۇجانباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قۇربان ئەزىز.

خوتەن شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئېھتىياجى ۋە ساغلاملىق - ساقلىق ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقلەرنى، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، خادىملارنى كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان ئاممىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىمى ئىمزالاش، سوزۇلما كېسىلى بارلارنى يوقلاش، دورا ئىچىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، ساغلاملىق تەربىيەسى بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى؛ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا - بازارلىق شىپاخانىلارنى تەۋەلىكىدىكى ئامما توپلاشقان سورۇنلاردا ساغلاملىق تەربىيەسى بويىچە مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىشقا، ئاممىنى سوزۇلما كېسىلى بارلارنى يوقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە تەشكىللىدى.

باش تېما تەربىيەسىدە، كېرىيە ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى قىسمەن يېزا - بازارلاردىكى ئاممىنىڭ قىشتا ئۆيلىرىدە جۈمەك توڭلاپ، نورمال سۇ ئىچىشىگە تەسىر يېتىش قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا قارىتا، توققۇز يېزا - بازاردىكى 112 كەنتتە توڭلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سۇ ئېلىش نۇقتىسىدىن 448نى يېڭىدىن قۇرۇپ، ئامما ئەڭ ئالدىراۋاتقان، ئەڭ غەم قىلىۋاتقان، ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ئازادىلىك ۋە قولايلىق ياراتتى.

«ئىلگىرىكى يىللاردا قىشتا، ھويلىمىزدىكى جۈمەكلەر توڭلاپ قېلىپ، سۇ ئىچىشىمىز قولايسىز بولاتتى. ھازىر كەنتىمىزدە توڭلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان خەلققە قولاي سۇ ئېلىش نۇقتىسى بار، قىشتا سۇ ئىچەلمەسلىكتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق» دېدى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسى ئۈجمىلىك باغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەتسەيدى ئابدۇراخمان خۇشال ھالدا.

كېرىيە ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى مەتتوختى مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: يېڭىدىن قۇرۇلغان توڭلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان خەلققە قولاي سۇ ئېلىش نۇقتىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃17تا توڭلىماسلىق ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئىچىدىغان سۈيىنىڭ قولايلىق بولۇشى، ئىچىدىغان سۈيىنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

دىققەت تەربىيەلەشنى تۇتۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر شەھەر - يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلدى، باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، موزدۇزلۇق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئائىلە مۇلازىمىتى، بىناكارلىق، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنى قاراتمىلىق ھالدا تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى، ھازىرغا قەدەر خوتەن ۋىلايىتى جەمئىي 72 مىڭ 420 دېھقان - چارۋىچىنى تەربىيەلىدى. شۇ جاينىڭ ئۆزىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق خوتەن ۋىلايىتى شەھەر - يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 23 مىڭ كىشىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، جەمئىي 142 مىڭ 400 كىشىنى پەسىل خاراكتېرلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 72 مىڭ 100 كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

باش تېما تەربىيەسىدە، قاراقاش ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. قاراقاش ناھىيەسى قاراقاش بازىرى چۇرۇقلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رەيھانگۈل مەمەتنىياز ئىزچىل يەسلىدىن بىر كىشىلىك خىزمەت تېپىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى، 15 كۈنلۈك پەرۋىشكارلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، ئاساسىي بىلىم ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئىگىلەپ، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. «مەن قاراقاش ناھىيەسىدىكى بېيجىڭ ئۈلگىلىك يەسلىسى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىدىم، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار بولدى» دېدى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى رەيھانگۈل خۇشال ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى