تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىشان، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىشان، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، چېن چۈەنگو پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى ئەگىتېرەك كەنتىگە كېلىپ نامرات ئاممىنى زىيارەت قىلدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى، يېڭىسار ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشان، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو يەكەن ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگە كېلىپ، كەنت دەرىجىلىك زاپاس كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە دېھقانلارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئىگىلىدى. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش، كۆكتات - مېۋە ئۆستۈرۈش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئەمەلىي مەشىق سىنىپلىرىدا، چېن چۈەنگو ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقىل جەھەتتە يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا يېقىنلىشىپ، نامرات ئاھالىلەرنى ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش قابىلىيىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ ۋېييىفېڭ كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى، شىنئاۋتا ئاياغچىلىق مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، چېن چۈەنگو كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ تۈپ چىقىش يولى قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەكىت ناھىيەسىنىڭ چىلان قەرەللىك مال تاپشۇرۇش ئامبىرىدا، چېن چۈەنگو مال تاپشۇرۇۋېلىش، ئوراش - قاچىلاش، ساقلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كۆلەملەشكەن تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش كېرەك.

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلى يېزىسى قالجاق كەنتىدە، چېن چۈەنگو كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەترەت باشلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەملەش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەتئىي بوشاشماي، پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. چېن چۈەنگو كەنت يەسلىسىگە كېلىپ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ سۈرۈشتۈردى، ئوقۇتقۇچىلارغا بالىلارغا پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، تىرىشىپ بىلىملىك، ئەخلاقلىق، ياراملىق يېڭى بىر ئەۋلاد قۇرغۇچىلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشنى تاپىلىدى.

چېن چۈەنگو يەنە نامرات ئاممىنى زىيارەت قىلدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، داۋالىنىش، ئوقۇش، تۇرالغۇ كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنى ئىشلەپچىقىرىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، ياخشى كۈنلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كەلدى، باشتىن - ئاخىر سەگەك بولۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قاتتىق ۋەزىپىنى ئورۇنداش كېرەك. نىشان، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك؛ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش، دەل جايىدا چېكىنىپ چىقىش، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، قەتئىي يوچۇق قالدۇرماسلىق؛ مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر، نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاشتا بايقالغان مەسىلىلەر قاتارلىقلار بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قالپاقنى تاشلىسىمۇ، مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ، سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقتا چىڭ تۇرۇش؛ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دەرىجىمۇدەرىجە بېسىم يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سىيىت قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.