تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشتى

جۇڭگو - رۇسىيە شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ گاز يەتكۈزۈش مۇراسىمىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى

12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، جۇڭگو - رۇسىيە شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ گاز يەتكۈزۈش مۇراسىمىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، جۇڭگو - رۇسىيە شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ گاز يەتكۈزۈش مۇراسىمىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سىن ئارقىلىق سوچىدىكى پۇتىن بىلەن ئۆزئارا ھال سوراشتى.

شى جىنپىڭ تۇرۇبا يولىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ گاز يەتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەڭ قۇرۇلۇشچىلىرىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇش - يۈرۈشتۈرۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىكى ئۈلگىسى. 2014 - يىلى، مەن پۇتىن زۇڭتۇڭ بىلەن ئىككى تەرەپ تۈر ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولغانىدىم. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلىرى قويۇق ھەمكارلاشتى، كەڭ قۇرۇلۇشچىلار قار - مۇز قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداپ، دۇنياغا چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ مول نەتىجىسىنى كۆرسەتتى. ئىشقا كىرىشتۈرۈپ گاز يەتكۈزۈش ھەم مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە، شۇنداقلا يېڭى ھەمكارلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ئىككى تەرەپ بىخەتەر تۇرۇبا يولى، يېشىل تۇرۇبا يولى، تەرەققىيات تۇرۇبا يولى، دوستلۇق تۇرۇبا يولى بەرپا قىلىپ، تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، تۇرۇبا يولى لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، مەن پۇتىن زۇڭتۇڭ بىلەن جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق جاكارلاپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئۆز دىپلوماتىيەمىزدە داۋاملىق ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشى ۋە ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىردەك قارار قىلدۇق. ھازىر، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. ئىككى تەرەپنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىغا ئوخشاش مۇشۇنداق كوزىر تۈرلەرنى تېخىمۇ كۆپ بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە، جۇڭگو ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، رۇسىيە - جۇڭگو شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ گاز يەتكۈزۈش مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ. 2014 - يىلى مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بۇ تۈر ھەمكارلىقى ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆمەكلىرى پەۋقۇلئاددە ناچار ھاۋا رايىدا جاپالىق خىزمەت قىلىپ، قۇرۇلۇشنى قەرەلىدە تاماملىدى، كەلگۈسى 30 يىلدا رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى 1 تىرىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ مېنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ھاسىل قىلغان 2024 - يىلى رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنى 200 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئورتاق تونۇشىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بۇ بەلگە خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

جۇڭگو - رۇسىيە ۋەكىللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا خېيخې، ئاتامانسكايا ۋە چايانكىندىكى ئۈچ تۇرۇبا يولى لىنىيە بويىدىكى پونكىتتا سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرىغا مۇنداق دوكلات قىلدى: رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى گاز بىلەن تەمىنلەشكە ياخشى تەييارلىنىپ بولدى، جۇڭگو تەرەپ گازنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ياخشى تەييارلىنىپ بولدى.

پۇتىن بۇيرۇق چۈشۈردى: «گاز تەمىنلەنسۇن!»

شى جىنپىڭ بۇيرۇق چۈشۈردى: «گاز ئۆتكۈزۈۋېلىنسۇن!»

پۈتۈن مەيداندا قىزغىن چاۋاك ساداسى ياڭرىدى.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

جۇڭگو - رۇسىيە شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى رۇسىيەدىكى شەرقىي سىبىرىيەدىن باشلىنىپ، بلاگوۋېشېنسكتىن دۆلىتىمىزنىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى خېيخېغا كىرىدۇ. رۇسىيە چېگراسى ئىچىدىكى تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3000 كىلومېتىر، دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدىكى بۆلەكتە يېڭىدىن ياسالغان تۇرۇبا يولى 3371 كىلومېتىر بولۇپ، ياسىلىپ بولغان 1740 كىلومېتىر تۇرۇبا يولىدىن پايدىلىنىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.