تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» قار تېيىلىش تۈرى ئىستېمالىدا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىدۇ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى كەي خەۋىرى) قار تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ قار تېيىلغاندا، «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» ئارقىلىق ھەق تۆلەش بۇ يىل قىشتا ئەمەلىيەتكە ئايلىنىدۇ.

12- ئاينىڭ 1- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) دىن ئىگىلىشىچە، 2019- يىلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى (قىسقارتىلىپ «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» دېيىلىدۇ) نى تۇنجى قېتىم قار-مۇز مەنزىرىسى قار تېيىلىش تۈرى ئىستېمالىدا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.

ھازىر، «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئورۇنلار 2017-يىلدىكى 10 دىن ھازىرقى 60 قا كۆپەيگەن، ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى يەككە تۈرىدىن ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ساياھەت قىلىشتىن ئىبارەت بەش تۈرگە كۆپەيگەن. «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» ئارقىلىق تىياتىر كۆرگىلى، كىتاب سېتىۋالغىلى، بەدەن چېنىقتۇرغىلى، سۇ ئۈزگىلى بولىدىكەن، يېقىندا باشلىنىدىغان «قار-مۇز مەنزىرىسى» قار تېيىلىش تۈرىدىمۇ «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى»نى ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)نىڭ ئىدارە باشلىقى جۇ شىنرۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى ۋە بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا، «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» ئارقىلىق ھەق تۆلەشكە بولىدىكەن. 2019- يىلى قار تېيىلىش تۈرىنى «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» ئىستېمال دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى»نىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنى «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» دىن پايدىلىنىپ قار تېيىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن قىلغىلى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قار تېيىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاتقىلىقى بولىدىكەن.

«مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى»غا بۇ يىل يەنە قىممەت تولۇقلاش ئەندىزىسى قوشۇلغان بولۇپ، A كارتىغا «قانچىلىك پۇل قاچىلىسا شۇنچىلىك تولۇقلاپ بېرىش» ئەندىزىسى قوللىنىلغان، ئابونتلار 100 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە قىممەت تولۇقلىسا بولىدىكەن. B كارتىغا ئابونتلار 200 يۈەن قىممەت تولۇقلىسا، مالىيەدىن 300 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدىكەن.

2019- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ، «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى»نى توردا، تور سىرتىدا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىكەن، پەقەت ئىككىلىك كودنى كۆرسەتسىلا كود سۈركەپ ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىلگىرىكى ئالدىن كېلىشىپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كارتا بېجىرىش ۋە كارتا كۆرسىتىش  ئارقىلىق ئىستېمال قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ قولايلىق ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى 2- ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىناق نۇقتىسى قىلىنغان شەھەر بولۇپ، 2017- يىلى 6- ئايدا، «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» نى تارقىتىش، ئىشلىتىش رەسمىي باشلانغان. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» نى تارقىتىش، ئىشلىتىشتە «سۈپەت ۋە دائىرىنى كېڭەيتىش» تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى