تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

سەنشى ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەمگە كەلگەن ئايال ئوقۇتقۇچى: ھەر سائەتلىك دەرسكە «جان» كىرگۈزىمەن

چاڭجى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لياڭ جۈنپىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە. سۈرەتنى چاڭجې شۆيۈەنى پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى تەمىنلىگەن.

جۇڭگو ئاخبارات تورى، تەييۈەن، 11-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى (ئاپتورى: ياڭ جيېيىڭ): «مەن شىنجاڭنى ياخشى كۆرىمەن، شىنجاڭ مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇمغا، ھاياتىمنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ بولدى.» سەنشىنىڭ چاڭجىلىق ئايال ئوقۇتقۇچى لياڭ جۈنپىڭغا نىسبەتەن، پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك گۈزەل ئەسلىمىسى بولۇپ قالىدۇ.

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، لياڭ جۈنپىڭ بىر يېرىم يىللىق مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى. سۈرەتنى چاڭجې شۆيۈەنى پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى تەمىنلىگەن.

لياڭ جۈنپىڭ، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى چاڭجى شۆيۈەنى تارماق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، چاڭجى شۆيۈەنى مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ھاياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ دەرىجىلىك غوللۇق ئوقۇتقۇچى. 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، لياڭ جۈنپىڭ سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ تاللاپ ئەۋەتىشى بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك 6-شىسى ۋۇجياچۈ كەسپى تېخنىكا مەكتىپىگە بېرىپ، بىر يېرىم يىللىق مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىغان.

لياڭ جۈنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەكتەپكە كېلىپ سىنىپنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىرگىنىمدە، كۆزۈمگە چېلىققىنى كېلىشكەن يىگىتلەر، چىرايلىق قىزلار بولدى، ئۇلار ناھايىتى ساددا، ئوماق، قىزغىن ئىدى ھەمدە مۇئەللىملەرنى بەك ھۆرمەتلەيتتى. ئەمما نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ بالىلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرمىگەنلىكى، بىر قىسىم بالىلارنىڭ خەت تونۇماسلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى راۋان ئوقۇيالمايدىغانلىقى، ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغانلىقى، ئوقۇتقۇچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدىم.

لياڭ جۈنپىڭ دەرس ئۆتمەكتە. سۈرەتنى چاڭجې شۆيۈەنى پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى تەمىنلىگەن.

«ھەر سائەتلىك دەرسنى تىرىشىپ ياخشى ئۆتۈپ، ھەر سائەتلىك دەرسنى جانلاندۇرۇشۇم كېرەك.» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەزگىلىدە، لياڭ جۈنپىڭ «ئىجتىمائىي پەن ئاساسى»، «بالىلار مائارىپى پىسخولوگىيەسى» ۋە «ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ئاساسى» دەرسلىكىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى، ئۇ زېرىكىشلىك نەزەرىيە بىلىملىرىنى جانلىق قىلىپ سۆزلەشكە ئۇرۇندى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەربىر سائەتلىك دەرستىن بۇرۇن، ئۇ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن تىرىشتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، لياڭ جۈنپىڭنىڭ مائارىپ ئىلمى، پىسخولوگىيە دەرسلىرىدە ئەدەبىيات، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئەمەلىيەت دەرسلىرىنىڭ پۇرىقى تولۇپ تاشاتتى.

لياڭ جۈنپىڭ يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى. خىزمەتتىن بوش ۋاقىتلىرىدا، تۇغقىنىنىڭ بالا بېقىش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش، قوي، كالا بېقىش، كۈزلۈك يىغىم ئەمگىكىگە قاتنىشىش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، بالىلارنىڭ ھېكايە ئوقۇش جەريانىدا مەدەنىيەت ئۆگىنىپ، كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، لياڭ جۈنپىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. لياڭ جۈنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ ئىلمى تەتقىقاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سەنشى-شىنجاڭ ئىككى جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى