تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۇچا ناھىيەسى: چامغۇر، كەنت ئاھالىسىنىڭ بېيىشىدىكى «ئادەمگىياھ»

تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، كۇچا ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئىشخىلا بازىرى ئېرىق ئارىسى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پائال تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «كۆكتاتلىرى» نى يىغىشىغا ياردەملەشتى ھەمدە ئۈندىدار قاتارلىق تور سۇپىسى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىشلىق كۆكتات سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى.

كەنت ئاھالىسى نىياز سىدىق مۇنداق دېدى: «مەن شەھەردە ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، خوتۇنۇم ئاغرىق، ئۈچ مو يەرگە كۆكتات تېرىغانىدىم، قانداق سېتىشتىن ئەنسىرەپ تۇرسام، ئويلىمىغان يەردىن خىزمەت ئەترىتى ئادەم باشلاپ كېلىپ كۆكتاتلىرىمنى يىغىشىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۈندىدار ئارقىلىق ماڭا سېتىۋالغۇچى تېپىپ بەردى، بىردەمدىلا 5000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم، خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت.»

ئىگىلىنىشىچە، ئېرىق ئارىسى كەنتىنىڭ ئەتراپى چۆللۈك بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى تېرىغان چامغۇر ۋە كۆك لوبونىڭ گەرچە مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ئەسلىدىكى ئېكولوگىيەلىك، تەبىئىي ئۆسكەن، ئوغۇتلانمىغان، شۇڭلاشقا سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھەر كۈنى ھەرخىل سۇپىلاردا تەشۋىق قىلىپ سېتىشىپ بەرگەنلىكتىن، ھازىر سېتىش زاكاز تالونى 6 توننىدىن ئېشىپ كەتكەن، كۆپ قىسىم نامرات ئائىلىلەر كىرىمىنى 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە ئاشۇرغان.

(ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن خاۋ جۈنفېڭ، جاڭ شياۋلى تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى