تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بايىنغولىن ئوبلاستىدا پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرى جياڭ فېڭ

«مېنىڭ باقمىچىلىق ۋە ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشۇم، يىللىق كىرىمىمنىڭ 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىشى، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىت قەرز پۇلىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. كېلەر يىلى مەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرى تاشساي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەخمەت رەجەپ 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا، ئەخمەت رەجەپكە ئوخشاش نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرغان دېھقانلار ئاز ئەمەس. ئۇلار يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ ئاز سوممىلىق قەرز پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قوزغىتىش مەبلىغى بار بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى ئاشتى.

2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، جۇڭگو خەلق بانكىسى بايىنغولىن ئوبلاستى مەركىزىي تارماق بانكىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىت سىياسىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەرقنى تېپىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە ساقلانغان ياردەم بېرىش - يۆلەش سالمىقى كۈچلۈك بولماسلىق، سىياسەتنىڭ دەللىك دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈردى، كۆزەتتى. تەكشۈرۈلۈپ، تەتبىقلىنىپ تېپىپ چىقىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا، جۇڭگو خەلق بانكىسى بايىنغولىن ئوبلاستى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىت قەرز پۇلى تارقاتقاندا سۇغۇرتىنى قوشۇپ سېتىش مەسىلىسىگە قارىتا جۇڭگو خەلق بانكىسى بايىنغولىن ئوبلاستى مەركىزىي تارماق بانكىسى «نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىت قەرز پۇلىغا سۇغۇرتا سېتىۋېلىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، تەۋەلىكىدىكى قەرز پۇل تارقىتىشنى ئۈستىگە ئالغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىت قەرز پۇلىغا سۇغۇرتىنى قوشۇپ سېتىش مەسىلىسى بويىچە ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىشكە تەشكىللەپ، مەسىلە ساقلانغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ۋاقتىدا چاقىرىتىپ سۆزلەشتى. بۈگۈنكى كۈندە، مەسىلىگە چېتىشلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشنى تاماملىدى، يېڭىدىن تارقىتىلغان نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىت قەرز پۇلىغا سۇغۇرتا قوشۇپ سېتىش مەسىلىسى كۆرۈلمىدى.

پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ دەللىك دەرىجىسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بايىنغولىن ئوبلاستى خەلق بانكىسى باشلامچى بولغان، يەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇل بولغان، بېجىرگۈچى بانكىلار بېجىرىدىغان نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىت قەرز پۇلى سىياسىتى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ تەرەققىيات مەبلىغى كەمچىل بولۇشتەك قىيىن مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرگە دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنىڭ يېڭى يولىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى. دائىرە بويىچە ھۆددىگە ئېلىش، كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، قەرز ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا «قەرز بېرىشكە بولىدىغانلىرىغا تولۇق قەرز بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئوبلاستتا «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش» بويىچە جەمئىي 8768 ئاھالىگە 333 مىليون 750 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى تارقىتىلدى، تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ قەرز پۇل ئېلىش نىسبىتى %100كە، ياردەم ئۆسۈم نىسبىتى %100كە يەتتى.

«پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە، تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارنىڭ <قان ئىشلەش> ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.» جۇڭگو خەلق بانكىسى بايىنغولىن ئوبلاستى مەركىزىي تارماق بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، بانكا باشلىقى لى چىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، تارماق بانكا ھەرقايسى قەرز پۇل تارقىتىشنى ئۈستىگە ئالغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ قەرز قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن كۆپ قېتىم نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى، زىرائەت ھوسۇلى ھەم مەبلەغ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، سۇبيېكتىپ ئامىللاردىن باشقا سەۋەب بىلەن قەرز پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشى قىيىن بولغان نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، داۋاملىق قەرز بېرىش، مۇددىتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتىنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

لى چىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو خەلق بانكىسى بايىنغولىن ئوبلاستى مەركىزىي تارماق بانكىسى قەرز پۇل بەرگەندىن كېيىنكى خەۋپ - خەتەرنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىنى ھەرىكەتچان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىت قەرز پۇلى مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىنىڭ سۈپىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاي بويىچە نازارەت قىلىپ، ئىستاتىستىكا قىلىپ، تەھلىل قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك مالىيە، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ماسلىشىش، ئالاقىلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى سىجىل، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى