تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ نۆكسۈل خەۋىرى): «ھازىر كەنتتە مەيلى ياش يىگىتلەر بولسۇن، ياكى كىچىك بالىلار بولسۇن، مېنى كۆرسىلا يېقىملىق ھالدا <گو تاغا> دەپ چاقىرىشىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق چاقىرىشىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن، كەنتتىكى ھەربىر ئائىلىدىكىلەر بىلەن ھەقىقىي تۇغقاندەك ئۆتىمىز.» 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاچاتاغ يېزىسى توقماقخوتەن كەنتىدىكى دېھقان گو زىفۇ مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.
2007-يىل، گو زىفۇ ئاقسۇ شەھىرىدىن توقماقخوتەن كەنتىگە كېلىپ 40 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ياڭاق ئۆستۈرگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ جايدىكى ئۇيغۇر يۇرتداشلار بىلەن چوڭقۇر ھېسسىيات ئورنىتىپ، يۇرتداشلار بىلەن ناتونۇش كىشىدىن «تۇغقان»غا ئايلانغان.
11-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىر ياش يىگىت گو زىفۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى، بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى ئەكبەر تۇرسۇن، بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن بولۇپ، گو زىفۇنىڭ «تۇتۇق ئوغلى» ئىدى. ئەكبەر تۇرسۇن بىر ياشقا كىرگەن يىلى دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئاپىسى قايتا ياتلىق بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكىسى مەلۇم سەۋەب بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە جاپادا قالغان. گو زىفۇ بۇ كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، ئەكبەر تۇرسۇننى ئىزچىل ياردەم قىلىپ يۆلەپ كەلگەن، ھازىر ئەكبەر تۇرسۇننىڭ ئۆز ئالدىغا ئائىلىسى بار بولدى.
«شۇنچە يىللاردىن بۇيان گو دادامنىڭ ئالدىدا چوڭ بولدۇم، ئۇ ئىزچىل ماڭا دۆلەت ئورتاق تىلى، تېخنىكا، قانۇن ئۆگەتتى، يەنە مېۋىلىك دەرەخلەرنى قىرقىش، يەر تېرىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگەتتى، ئۆز دادامنىڭ چىرايى يادىمدا يوق، قەلبىمدە گو دادامنى ئۆز دادامدىنمۇ يېقىن كۆرىمەن» دېدى ئەكبەر تۇرسۇن.
گو زىفۇنىڭ ياڭاقلىقى ماھىرە كامىلنىڭ ئۆيىگە ياندىشىپ تۇراتتى، ئۇ ھەر قېتىم ئېتىزلىققا ماڭغاندا بۇ قىزنى كۆرەتتى. كېيىن، گوزىفۇ ماھىرە كامىلنىڭ توي تۇرمۇشىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئۆزى يالغۇز قىزىنى بېقىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئىقتىسادتىمۇ ناھايىتى قىينالغانلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ھەر يىلى ئەتىيازدا ئۇنىڭ بىر قىسىم خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى سېتىۋېلىشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ كەلدى، ھەر يېرىم ئايدا بىر قېتىم ئۇنىڭغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ھەمدە كالا، قوي گۆشى ئاپىرىپ بەردى. ماھىرە كامىل بىكار ۋاقىتلىرىدا گو زىفۇغا ياردەملىشىپ ياڭاقلىقتىكى ئوت-چۆپ، ئەخلەتلەرنى تازىلاپ بەردى، شۇنداق بېرىش-كېلىش ئارقىلىق، گو زىفۇ ماھىرە كامىلنى «تۇتۇق قىز»ى قىلدى.
2017-يىل ئەتىيازدا، توقماقخوتەن كەنتىدىكى دېھقان سەمەت نىياز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا بولغاچقا، گو زىفۇ سەمەت نىياز ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلغۇزدى، شۇ بىر ئىشلىگەنچە ئىككى يىل ئۆتۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا بارغانسېرى ياخشىلىنىش بولدى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، گو زىفۇ ھويلىسىدىكى ئىككى ئېغىز چوڭ ئۆينى سەمەت نىياز ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ تۇرۇشىغا بەردى، بۈگۈنكى كۈندە ئىككى ئائىلە تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا بىللە بولۇپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتى. ھەر قېتىم گو زىفۇ سىرتقا چىققاندا، ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى سەمەت نىيازغا تاپشۇرۇپ كېتەتتى، سەمەت نىياز ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ھويلا-ئاراننى پاك-پاكىز تازىلاپ، يەنە ئۆي قۇشلىرى ۋە چارۋىلارغا يەم بېرەتتى.
گو زىفۇ ناھايىتى قىزغىن، كەنتتە ئۇ ياردەم قىلغان كىشىلەر يەنە ناھايىتى كۆپ. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ يەنە نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ خىزمەت تېپىشىغا ياردەم قىلدى. ئۇ ياردەم قىلغانلار ھەمىشە شۇنداق دېيىشىدۇ: گو زىفۇ بىزگە خۇددى تۇغقىنىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ، بىز چوقۇم تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن گو زىفۇدەك ياخشى ئادەم بولىمىز.
[مۇخبىر خاتىرىسى]
بىر ئاددىي ئىشلەمچى، 10 يىل جەريانىدا كىچىك ئىشلار ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىگە ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن ياردەم قىلىپ، ئەزەلدىن پايدا ھېسابلاشمىدى. «گو تاغا»، «گو دادا»، «گو بوۋا» دەپ چاقىرىشلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى جاۋاب بولدى، ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىزگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندىلا، كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى