تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

قاغىلىق ناھىيەسى: پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: قىش كىرگەندىن كېيىن قاغىلىق ناھىيەسى تۆگىچى يېزىسى قۇمباغ كەنتىنىڭ ھاۋاسى تەدرىجىي سوۋۇشقا باشلىدى، لېكىن شىنجاڭ داشۆنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەڭ دېھقان پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار ھەرىكىتى ئاممىغا ئارقىلىق ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى.

  يىل ئاخىرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى بارغانسېرى ئازىيىپ، كۆپچىلىك ھويلا-ئاران، كۆكتاتلىقلارنى قايتا رەتلەشكە باشلىدى، ئاھالىلەر كوپىراتىپنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىشتىكى قولايلىق شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، كېلەر يىلى كۆپرەك كۆكتات تېرىپ سېتىپ، ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئوسمان روزى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ئۆيىدە پەقەت ئۆزى ۋە ئايالىلا بار ئىدى، قىزى ۋە كۈيئوغلى ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، ئايالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، ئوسمان ئۆيىدىكى ئارتۇق قورو تامنى چېقىپ، يەر ئاجرىتىپ چىقىرىپ كۆكتات تېرىماقچى بولدى، لېكىن ئەمگەك كۈچى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ھويلا-ئارانلارنى رەتلەش خىزمىتى ئالدىدا غەمدە قالدى.

  ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، خىزمەت ئەترىتى ئوسمان تاغىنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلىپ، دەرھال كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش پىدائىيلار پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئوسمان تاغىغا ياردەملىشىپ ھويلا-ئارانلىرىنى رەتلىشىپ بەردى. ئۇلار ئەتىگەندىلا سايمانلارنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى، بەزىلىرى كونا قوتاننى چاقسا، بەزىلىرى يەر ئاغدۇردى، يەنە بەزىلەر ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى توشۇدى، ئاخىرىدا تاغىنىڭ ھويلىسى پاكىز، رەتلىك ھالەتكە كەلدى. 

  كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى خوۋجيەن مۇنداق دېدى: «بۇ بىر پىدائىيلار پائالىيىتى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر مەيدان پارتىيە ئەزالىرى ئاساسىي تېما تەربىيە پائالىيىتىدۇر، پىدائىيلارنىڭ ياردىمى كەڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپلا قالماي، كەڭ ئاممىغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى!»

  (ماقالىنى شىنجاڭ داشۆنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن شۈسۇ مىڭياڭ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى