بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تىرېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قار تېيىلىش ماھارىتىنى ئۆگەنمەكتە.
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ 2019—2020-يىللىق «قار-مۇزدىن خۇشال بەھرىلىنىش . نەنسەنگە تەلپۈنۈش» قىشلىق مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى ھەمدە «تۇنجى نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قار تېيىلىش بايرىمى» بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى، شىنجاڭ داشۆسى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدىن كەلگەن 800دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قار تېيىلىشنى ھېس قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. (چېن يەن فوتوسى)