تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىكى بىرىنچى كىشى

جېڭ جى مۇسابىقىدە (ماتېرىيال سۈرەت)

خەلق تورى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى: 12 - ئاينىڭ 1- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسىدە، گۇاڭجوۋ خېڭدا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 0:3 نەتىجە بىلەن شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسىنى يەڭدى. مۇسابىقىدە، خېڭدا كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى جېڭ جىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى، ئۇ پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىگە تولۇق قاتناشقاندىن باشقا، ئىككى تەرەپ تىركىشىپ قالغان ئەھۋالدا ۋېي شىخاۋنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشىگە ياردەمچى ھۇجۇم قىلىپ، قاتمال ھالەتنى بۇزدى. خېڭدا كوماندىسى ئاخىرىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا كوماندا تارىخىدىكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 8-چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، جېڭ جىمۇ كەسپىي ھاياتىدىكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 10-چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش سانى ئەڭ كۆپ ماھىر بولۇپ قالدى.

39 ياشقا كىرگەن جېڭ جى 2004 - يىلىلا شېنجېن جيەنلىباۋ كوماندىسىدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن. 2005 - يىلى شەندۇڭ لۇنېڭ كوماندىسىغا يۆتكىلىپ، 2006 - يىلى كوماندىنىڭ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇشىغا كۈچ قوشقان. 2006 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جېڭ جى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى چارلتون كوماندىسىغا يۆتكىلىپ، چەت ئەلدىكى كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن 2009 - يىلى شوتلاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى كېلتىك ئادىمى كوماندىسىغا يۆتكەلگەن.

2010 - يىلى جېڭ جى ۋەتەنگە قايتىپ گۇاڭجوۋ خېڭدا كوماندىسىغا يۆتكىلىپ، كوماندىنىڭ جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە كىرىشىگە كۈچ قوشقان. 2011 - يىلىدىن باشلاپ، جېڭ جى كوماندىنىڭ مۇتلەق يادرولۇق ماھىرى سۈپىتىدە خېڭدا كوماندىسىنىڭ ئۇدا يەتتە قېتىم چېمپىيون بولۇشىغا كۈچ قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى