تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دۆلەت كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

خەلق تورى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى: دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە 28 كىشىلىك ماھىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. يۈ داباۋ، جاڭ شىجې، ۋېي شىخاۋ قاتارلىق ماھىرلار تىزىملىككە كىردى، لى تيې باش تىرېنېر بولدى، ماھىرلار يىغىپ مەشىقلەندۈرۈلۈپ، 12 - ئايدا كورېيەنىڭ فۇشەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي ئاسىيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، دۆلەت كوماندىسى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە شاڭخەيدە ئىككىنچى باسقۇچلۇق يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشنى تەشكىللەيدۇ، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە كورېيەنىڭ فۇشەنگە بېرىپ 2019 - يىللىق شەرقىي ئاسىيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان باشقا ئۈچ كوماندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا كورېيە كوماندىسى، ياپونىيە كوماندىسى، جۇڭگو شياڭگاڭ كوماندىسى.

يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە (28 كىشى):

شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى: ۋاڭ شېنچاۋ، لۈ ۋېنجۈن، سەي خۈيكاڭ

بېيجىڭ جۇڭخې گوئەن كوماندىسى: يۈ داباۋ، جاڭ شىجې، ۋاڭ زىمىڭ، يۈ ياڭ

گۇاڭجوۋ خېڭدا تاۋباۋ كوماندىسى: مېي فاڭ، ۋېي شىخاۋ، ليۇ ديەنزو

خېبېي خۇاشيا شىڭفۇ كوماندىسى: دۇڭ شۆشېڭ، جياڭ جىپېڭ

چۇڭچىڭ داڭدەي لىفەن كوماندىسى: فېڭ جىن

جياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسى: لى ئاڭ، جى شياڭ

تيەنجىن تەيدا كوماندىسى: مىرئەخمەتجان مۇزەپپەر، ياڭ فەن، جېڭ كەيمۇ

خېنەن جيەنيې كوماندىسى: ۋاڭ شاڭيۈەن

ۋۇخەن جوئېر كوماندىسى: لى شىڭ، دۇڭ چۇنيۈ، مىڭ تيەن، ليۇ يۈن

شاڭخەي لۈدى شېنخۇا كوماندىسى: ساۋ يۈندىڭ

شەندۇڭ لۇنېڭ تەيشەن كوماندىسى: جىن جىڭداۋ، ليۇ بىنبىن، ۋاڭ دالېي

چاڭچۇن ياتەي كوماندىسى: تەن لۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى