تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

خېڭدا كوماندىسى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

خەلق تورى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى (ئوۋ شىڭرۇڭ): 2019-يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، جۇغلانما نومۇر رەت تەرتىپىدە 1-ئورۇندا تۇرغان گۇاڭجوۋ خېڭدا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ ۋاقىت تولۇقلاش باسقۇچىدا جېڭ جىنىڭ ياردەمچى ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ۋېي شىخاۋ توپنى ۋاراتاغا كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى؛ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، پياۋ جىجۇ بىر توپ كىرگۈزدى، زاپاس ماھىر سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشكەن ئەي كېسېن بىر توپ كىرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن، گۇاڭجوۋ خېڭدا كوماندىسى 0:3 نەتىجە بىلەن شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسىنى يېڭىپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. بۇ گۇاڭجوۋ خېڭدا كوماندىسىنىڭ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن 8 - چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى