تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى «CEO»

  بۇ قۇربانخان مەتروزىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان ئۆيىدە تارتىلغان سۈرىتى (11- ئاينىڭ 13- كۈنى تارتىلغان). گەرچە ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن قۇربانخان مەتروزى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىنى ساياھەت ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشمىدى. «يۇرتداشلىرىمنىڭ بېيىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىمەن، ئۆزۈم ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۇل تېپىش كېيىنكى قەدەمدىكى ئىش.» 24 ياشلىق قۇربانخان مەتروزى ئۈچۈن ئېيتقاندا، يۇرتىنىڭ ئەتراپىدىكى قۇملۇق ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەڭ ياخشى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ يەر ئۇ يۇرتداشلىرىنى بېيىشقا يېتەكلەيدىغان «گۆھەر زېمىن» غا ئايلاندى.

  قۇربانخاننىڭ يۇرتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، بۇ يېزا دۇنيا بويىچە 2- چوڭ كۆچمە قۇملۇق - تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن يىراق، چەت، قالاق. تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، بۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇزاق مۇددەت نامراتلىقتا ئۆتكەن. بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەريا بويى يېزىسىدا نۇرغۇن ئىپتىدائىي ئۆزگىچە قۇرۇلۇش توپى ۋە قەدىمىي تۇرمۇش ئادەتلىرى ساقلىنىپ قالغاچقا، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان. بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يەر دالا ساياھەتچىلىرىنىڭ قەلبىدىكى «ئالقىشقا ئېرىشكەن»، چوقۇم بارمىسا بولمايدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

    قۇربانخان يەرلىكتىن چىققان تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇرتىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، يۇرتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشماقچى بولدى. ئاخىرىدا، ئۇ شەھەردىكى مۇقىم تۇرمۇشتىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە قايتىپ، يۇرتداشلارنىڭ ساياھەت ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن، بۇ يىل 10- ئايدا، قۇربانخان مەتروزى «قۇملۇق قاراۋۇلى» ساياھەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى 11 نامرات ئائىلىنى كوپىراتىپقا ئەزا بولۇشقا جەلپ قىلدى. كوپىراتىپتا قۇربانخان ئەزالارنى تەربىيەلەشكە مەسئۇل بولدى، يەنە ساياھەتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ياتاق ۋە تاماقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇملۇقتىكى «CEO»غا ئايلاندى. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاستا-ئاستا ئىزىغا چۈشتى، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئېچىلغان بىر ئايدىلا 1000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، تىجارەت سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ئەزالار 180 مىڭ يۈەن پايدىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانخان يۇرتىدىكى قوي بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن نۇقتىلىق ھالدا قوي گۆشى سېتىۋېلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىپ، قوي بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولدى. «كوپىراتىپ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يۇرتۇمنى بىلدۈرۈشنى، يۇرتداشلار بىلەن بىرگە ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن!» دېدى قۇربانخان كەلگۈسى توغرىسىدا توختىلىپ تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى)

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى ئۆيىدە پەرداز قىلىپ، كەچقۇرۇن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانماقتا (11- ئاينىڭ 13- كۈنى تارتىلغان). 

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى ئۆيىنى يىغىشتۇرماقتا (11- ئاينىڭ 13- كۈنى تارتىلغان). 

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى يول بويىدا ساياھەت يېتەكچىسى بىلەن ئالاقىلەشمەكتە، كەچقۇرۇن بىر تۈركۈم ساياھەتچى كەلمەكچى ( 11- ئاينىڭ 13- كۈنى فوتوسى ). 

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى (سولدا) ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەت يېتەكچىسى بىلەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىشلىرىنى مەسلىھەتلەشمەكتە (11-ئاينىڭ 13- كۈنى تارتىلغان). 

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى قوي بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھەمكارلىق شېرىكلىرى بىلەن سېتىۋالغان قوي گۆشىنىڭ پۇلىنى ھېسابلاشماقتا، بۇ ئۇنىڭ ھېسابات دەپتىرى (11- ئاينىڭ 13- كۈنى تارتىلغان). 

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى (ئوتتۇرىدا) قوي بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھەمكارلىق شېرىكلىرى بىلەن سېتىۋالغان قوي گۆشىنىڭ پۇلىنى ھېسابلاشماقتا (11- ئاينىڭ 13- كۈنى تارتىلغان). 

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى (سولدا) ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرىغا ياردەملىشىپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە لەغمەن ئېتىپ، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلاندى (11- ئاينىڭ 13- كۈنى تارتىلغان). 

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ئۆيىدە ئوت قالىماقتا، بۇ كوپىراتىپ ئەزاسى سىرتتىن كەلگەن بىر نەچچە ساياھەتچىنى كۈتۈۋالماقچى ئىدى، قۇربانخان مەتروزى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى كۆرگىلى كەلدى (11- ئاينىڭ 13- كۈنى). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى 

قۇربانخان مەتروزىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان ئۆيى (11- ئاينىڭ 13- كۈنى). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

   تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى (سولدا) ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ياتاق رەتلىشىگە ياردەم بېرىپ، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا (11- ئاينىڭ 13- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى

   تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى (ئوڭدا) ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ پۇقراۋى قونالغۇ ئاشخانىسىدا ساياھەتچىلەرگە يەرلىك خاسلىققا ئىگە لەغمەننى سۇنماقتا. (11- ئاينىڭ 13- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى

بۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسىنىڭ بىر بۇرجىكى (11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى ساياھەتچىلەرنى باشلاپ قۇم بارخانلىرىدا كۈننىڭ چىقىشىنى سۈرەتكە تارتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى ساياھەتچىلەرنى باشلاپ قۇم بارخانلىرىدا كۈن چىقىشنى سۈرەتكە تارتماقتا . شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى ئۆيى ئەتراپىدىكى قۇم بارخانىسىدا سەيلە قىلماقتا ( 11- ئاينىڭ 13- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى ساياھەتچىلەرنى باشلاپ قۇم بارخانلىرىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.  ئۇلارنىڭ كەينىدىكى ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكىسى خاس ئاھالىلەر تۇرالغۇسى (11- ئاينىڭ 14- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى

     
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى، قۇربانخان مەتروزى ( ئوڭدىن ئىككىنچى) ساياھەت كوپىراتىپى ئەزالىرىنىڭ ئۆيىدە ئۇسسۇل ئويناپ، ساياھەتچىلەرنى قارشى ئالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى
مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى