تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئىش ئورنى ماھارەت مۇسابىقىسىدە ماھارىتىنى نامايان قىلىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن چۈنشاڭ خەۋىرى، فوتوسى) 15 مىنۇتتا قوغۇندىن قۇت گۈلى ئويۇپ چىقىش، ئۆلچەملىك تەزىم قىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش...11- ئاينىڭ 29- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت ماھارەت (بىلىملىرى) مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، كوئىنلۇن مېھمانخانىسى، شىنجاڭ ئالىي مېھمانخانسى قاتارلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تارماقلىرىدىن كەلگەن 180 گە يېقىن كىشى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

  بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، مۇسابىقىدە «ھۈنەرۋەنلەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىش ئورنىدا قابىل بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، مۇلازىمەت، قائىدە-يوسۇن، ئاشپەزلىك، جۇڭگوچە تاماق زىياپىتى ئۈستىلى تەييارلاش، ئاپتوموبىل ھەيدەش ماھارىتى ۋە دىنامىكىلىق تېخنىكا قاتارلىق 7 چوڭ تۈر، 15 كىچىك تۈر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن. 

  جۇڭگوچە تاماق زىياپىتى ئۈستىلى تەييارلاش مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا، كۆزگەزمە سۇپىسىغا مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاتلىق-تۈرۈم، مېۋە-چېۋە، كۆكتات، دانلىق زىرائەت تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈستەلگە ئوخشىمىغان شەكىلدە نەپىس تىزغان. قۇت گۈلى ئويۇلغان قوغۇن، دولقۇنسىمان شەكىل چىقىرىپ ئويۇلغان قوغۇن، مودەنگۈل شەكلىدە ئويۇلغان تاۋۇز قاتارلىقلاردا كامالەتكە يەتكەن ئويمىچىلىق سەنئىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى