تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شامال ئېغىزىدا 8 بال ئەتراپىدا شامال چىقىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃16- بولىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پىراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى) بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 8 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تۇمانلىق ياكى قارلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃10-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃16- بولىدىكەن، 3 بال شامال چىقىدىكەن.

بۈگۈن 7 ~ 8 بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى ۋە شاماللىق قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگۇغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ ماناس شامال رايونى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى كونا شامال ئېغىزى، S319 ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي دېڭىز شامىلى رايونى بۆلىكى، G30 لىنىيەسىنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتى ئۆتۈشمىسىدىن سەيۋوپۇ ئۆتۈشمىسىگىچە بولغان بۆلىكى، S116 لىنىيەسىنىڭ K3 دىن K15 غىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى