تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 23 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن تۈزۈمىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن پارتىيە يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، داۋاملىق تۈردە پارتىيە ۋە خەلق ئاچقان توغرا يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن تۈزۈمى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىش داۋامىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئىنسانىيەت تۈزۈم مەدەنىيلىكى تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيەت. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەمىز ماركسىزم ئاساسىي نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قەدىمىي شەرق چوڭ دۆلىتىدە مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېڭىچە دۆلەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى روشەن ئەۋزەللىك ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە تۈزۈمگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد تېز راۋاجلانغان، جەمئىيەت ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغان مۆجىزىنى يارىتىشىنى كاپالەتلەندۈردى، شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىشىنى يېپيېڭى تاللاشقا ئىگە قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى جەمئىيەت تۈزۈمى ئورنىتىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن تۈزۈمى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىغان ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى بولۇپ، روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن تۈزۈمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن كۆپرەك مەدەنىيلىك تارىخىدا جۇغلانغان چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە يىلتىز تارتىپ، ئىنسانىيەت تۈزۈم مەدەنىيلىكىنىڭ پايدىلىق نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەن. بىر جەمئىيەت تۈزۈمىنىڭ ئىلمىي ياكى ئىلمىي ئەمەسلىكى، ئىلغار ياكى ئىلغار ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتە ئاساسلىقى ئۇنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ياكى ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى، ئۈنۈملۈك ياكى ئۈنۈملۈك ئەمەسلىكى، كارغا كېلىدىغان ياكى كارغا كەلمەيدىغانلىقى، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ياكى ئېرىشمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن تۈزۈمى بىر يۈرۈش يولغا قويۇشقا بولىدىغان، ھەقىقىي كارغا كېلىدىغان ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى، بۇ، بىزنىڭ «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشىمىزنىڭ بىر تۈپ ئاساسى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن تۈزۈمى ياخشى چىڭ تۇرۇشقا، ياخشى يولغا قويۇشقا ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقىمۇ ئېھتىياجلىق. بىز ئورنىتىلىپ بولغان ھەم ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ياخشى مۇستەھكەملەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان تۈزۈم، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك تۈزۈملەرنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. تۈزۈم ئىجرا قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈم ئىجرا قىلىشقا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن تۈزۈمىگە بولغان نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.