تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېما ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 19- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېما ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى بويىچە 19 - قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، تۈرلۈك ئاپەت، ھادىسىلەرگە ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشتەك مۇھىم ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتەك مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چەت ئەللەرنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشتىكى پايدىلىق ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

چىڭخۇا داشۆنىڭ پىروفېسسورى شۆ لەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەم پىكىر ۋە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى ھەرقايسى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت باشتىن - ئاخىر جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، دۆلىتىمىز جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قايتا - قايتا ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، ھەر بىر ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، كۆپلىگەن خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مۆجىزىسىنى ياراتتى، دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز دۇنيادىكى تەبىئىي ئاپەت ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئاپەتنىڭ تۈرى كۆپ، تارقالغان جايى كەڭ، يۈزبېرىش چاستوتىسى يۇقىرى، پەيدا قىلىدىغان زىيىنى ئېغىر، بۇ، بىر ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزدە تۈرلۈك ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى ۋە بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى ئارىلىشىپ، گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئاسان يۈز بېرىدۇ، كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەم بىر تۈرلۈك تەخىرسىز ۋەزىپە، ھەم بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى مەنبەدىن ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىنى بىخ ھالىتىدە، ئاپەت بولۇپ شەكىللىنىشتىن بۇرۇن ھەل قىلىش كېرەك. خەۋپ - خەتەرنى باھالاش ۋە كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇم، كان، يول قاتنىشى، ئوت مۇداپىئەسى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل ئاپەت تۈرى ۋە ئاپەت زەنجىرىنى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش، خەۋپ - خەتەرنى دەسلەپكى مەزگىلدە پەرقلەندۈرۈش ۋە ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى مەسئۇلىيەت ۋە تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دەل جايىدا ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، ئالدىن سىگنال بېرىش دەل جايىدا بولۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش دەل جايىدا بولۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش دەل جايىدا بولۇش، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دەل جايىدا بولۇش كېرەك. قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل تەپەككۇر ۋە قانۇنچىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشنىڭ قانۇنچىللىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى سىستېمىلىق رەتلەپ ۋە تۈزىتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشكە تەشكىللەش، دۆلەت ئوت مۇداپىئە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن - نىزاملارنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى كۆزقاراش ۋە ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالار بىخەتەرلىك تەربىيەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەشۋىقاتىنىڭ كارخانىلارغا كىرىشى، يېزىلارغا كىرىشى، مەھەللىلەرگە كىرىشى، مەكتەپلەرگە كىرىشى، ئائىلىلەرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك مەدەنىيىتى يېتىلدۈرۈپ، دائىملاشقان جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەشنى قوللاپ، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى دائىرىلەپ باشقۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس بولۇش بىلەن دائىملىق بولۇش بىرلەشكەن، ئىنكاسى تېز، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيىتى يۇقىرى، كۈچلۈك جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك كەسپىي قوشۇن، پىدائىيلار قوشۇنى بىلەن ئۆزئارا بىرلىشىش ۋە ئورتاق مەشىق قىلىش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىنىڭ جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ئاپەت، ھادىسىلەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كىچىك ھەم سەر خىل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، زەربىدار كۈچ بەرپا قىلىپ، يېقىن ئەتراپتىن تەڭشەپ سەپلەش، تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىش، تەرتىپلىك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، رايون جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەركىزى قۇرۇش كېرەك. ئاۋىياتسىيە جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە بوشلۇقتىن كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلەرنى تېز سۈرئەتتە توشۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. قوشۇن قوماندانلىق مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش جابدۇق تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پەن - تېخنىكا بايلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش پەن - تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىشىش، كەسىپلىشىش، ئەقلىي - ئىقتىدارلىشىش، ئىنچىكىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كارغا كېلىدىغان ئىلغار جابدۇقلارنى سەپلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئۇنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىنىڭ ئۇچۇرلىشىش تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارى، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى، قوماندانلىق قىلىش، تەدبىر بەلگىلەشكە ياردەم بېرىش ئىقتىدارى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارى ۋە جەمئىيەت سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر «بىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر تەرەپنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش»تەك سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئېغىر، زور تەبىئىي ئاپەت ۋە بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ پەيدا قىلغان زىيان ياكى ئېغىر، زور جەمئىيەت تەسىرىگە قارىتا، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكى ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، «مۇداپىئە كۆرۈش» ۋە «قۇتقۇزۇش» مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىر پۈتۈن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى پۈتۈن يىلدا 365 كۈن، كۈندە 24 سائەت جىددىي ئەھۋال نۆۋەتچىلىكى قىلىشى كېرەك، ھەر ۋاقىت چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالغا ۋە ھايات - ماماتلىق سىنىقىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىدىكى بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەر پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش، سۇ كەلسە سۇدىن، ئوت كەلسە ئوتتىن يانماسلىق، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان كۈچكە ئايلىنىشى كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش يۇقىرى يۈك، يۇقىرى بېسىم، يۇقىرى خەۋپ - خەتىرى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىنىڭ تۆھپىسى ناھايىتى كۆپ، بېرىدىغان قۇربانى ناھايىتى چوڭ، ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ قوشۇنغا غەمخورلۇق قىلىشى، قوللىشى، كەسىپ جەھەتتىكى شەرەپ تۇيغۇسى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.