تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش  باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش

− ئاپتونوم رايوننىڭ 1- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «قايتا قاراپ چىقىش» خىزمىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

غايە - ئېتىقاد مۇستەھكەم بولدىمۇ - يوق؟ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولدىمۇ - يوق؟ مەخسۇس تۈزەش، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتە ئىلگىرىلەش قانداق بولدى؟ بۇلار باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە - ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سالماقنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەر بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، مەخسۇس تۈزەش ۋە مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈردى.

 ئۆگىنىشنى تۇتۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش    غايە - ئېتىقادنى پولاتتەك چىڭىتىش

ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئېتىقادتىن كېلىدۇ، ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى ئىدىيەنى مەنبە قىلىدۇ.

9 - ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرى ئاكتىپ ئەگىشىپ، دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش، مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۆتۈش، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش شەكىللىرىنى قوللىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، بۆلۈم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاي بويىچە مەخسۇس تېما بېكىتىپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى، بۆلۈم ئىشلىرى ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش تەسىراتىنى سۆزلەپ، پەرقلەرنى، يېتەرسىزلىكلەرنى سۆزلەپ، ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى سۆزلەپ، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بەلگىلەنگەن مۇندەرىجە بويىچە چوڭقۇر ئۆگىنىش ئاساسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزى قاتارلىق ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆز ۋە مۇھىم ماقالىلەرنى يېتىشىپ ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆگىنىدىغان خادىم، ۋاقىت، مەزمۇن، ئۈنۈمدىن ئىبارەت «تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى «يانچۇق كىتاب» تۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى ئۆگىنىش داۋامىدا ئۆزىگە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاشنى تەكىتلىدى، مەسىلە يۆنىلىشى، ئەمەلىيەت يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىنى تەكىتلىدى.

نۇرغۇن پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار مۇنداق ئىنكاس قىلدى: سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق غايە - ئېتىقادىمىز يەنىمۇ چىڭىدى، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىپ سۆڭەكنى چىڭىتىدىغان «ئوزۇقلۇق دورىسى» تولۇقلىدۇق، سىياسىي - ئىدىيەۋى جەھەتتە چاڭ - توزاننى تازىلايدىغان «ئىسسىق سۇ»دا يۇيۇندۇق، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ يىمىرىلمەس «تۆمۈر مۈرە»نى كېڭەيتتۇق، خەلقنى كۆزلەش ھېسسىياتىمىزغا ئۆزىمىزنى ئۇنتۇيدىغان يېڭى مەنزىل قوشۇلدى.

 گەۋدىلىك مەسىلىلەردە تۈزىتىشنى تۇتۇش    جاھىل كېسەللەرنى تۈگىتىش

1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرى تۈزىتىش مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ كۆزلەپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلدى، «2 + 8» مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولدى، «3 + 3 + 1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كۈچلۈك بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئۈچتە تەشەببۇسكار بولۇش»تا چىڭ تۇردى، يەنى مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقىدى، مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزەتتى، مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ بەردى، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ساھەسىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى سىجىل تۈزەتتى. 8 - ئايدىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى قاتارلىق 15 تارماق بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ھەم جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى قاتارلىق يەتتە بانكا بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى قەرەللىك ئېلىش بىلەن تۆۋەن كاپالەت سىستېمىسىنى سېلىشتۇرۇپ، گۇمانلىق نۇقتىلارنى تەھلىل قىلىپ چىقتى ھەم تۈركۈمگە بۆلۈپ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگىچە يوللاپ، قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئېنىقلاپ قايتۇرۇپ، دەل جايىدا بېكىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. شەھەر - يېزا تۆۋەن كاپالىتىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ۋاقتىدا بولماسلىق، شەھەر - يېزا تۆۋەن كاپالىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قاتتىق بولماسلىق، تەرتىپ قېلىپلاشماسلىق، «ئادەمگەرچىلىك تۆۋەن كاپالىتى» «مۇناسىۋەت تۆۋەن كاپالىتى» قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك تۈزىتىلدى.

تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشقا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى 1 مىليارد 680 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «بالدۇر دىياگنوز قويۇش» «بالدۇر داۋالاش»نى نىشان قىلىپ، خاسلاشقان سالامەتلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى تۈزۈپ، تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنى يۇقۇش مەزگىلىدە مەركەزلىك ئايرىپ داۋالاش، يۇقمايدىغان مەزگىلدىكى ئاغرىقلارغا «مەركەزلىك دورا بېرىش + ئوزۇقلۇق ناشتىلىقى» بېرىشتىن ئىبارەت ئائىلىۋى داۋالاشتىكى ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇبېركۇليۇز يۇقۇم ئەھۋالىدا روشەن تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 2 مىليون 820 مىڭ 800 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى؛ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 70 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىكى رەھبىرىي كادىرلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 24 قېتىم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتتى. ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا 200 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتى %100، پۈتۈش نىسبىتى %99.21 بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمىن ئۆيىنىڭ ھەممىسى پۈتتى.

 يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ تۈزىتىشنى تۇتۇش   تەربىيە نەتىجىلىرىنى قايتا مۇستەھكەملەش

تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش. 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرى «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچقا خىلاپلىرىنى ھەل قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ تۈزىتىش، ئەمەلىي ئىشلارنى بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى(ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى) ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى كۆزلەپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» «ئاساسىي قاتلامدا بىر جەدۋەل بولۇش»، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش، كوچا - يېزا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات تۈرىنى رەتلەپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مەكتەپلەردىن مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى قاتتىق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر قىسىم مەكتەپ(يەسلى)لەردە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەسىلە بىرقەدەر كۆپ ساقلانغان مەكتەپ(يەسلى)لەرگە تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈردى ھەم سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتكۈزدى، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى جازالىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى قاتارلىق «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، 2019 - يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى، نامرات ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىشنى ئۆز سىستېمىسى، ئۆز ساھەسىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى دائىملىق تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈر بويىچە تۈزەش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى نۇقتىلىق شەكىللەندۈرۈپ، «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇش»نى بىرگەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، مەزمۇنى ئىلمىي، تەرتىپى پۇختا، يۈرۈشلەشتۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم ۋە مېخانىزم سىستېمىسى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، جاڭ يەنفاڭ، جاڭ تىڭ، چاۋ جىن، سۇ لۇپىڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى