تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل تارىم دەرياسىنىڭ پۈتۈن ئېقىن رايونىغا جەمئىي 2 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىرغا يېقىن سۇ قويۇپ بېرىلدى

نەپكە ئېرىشكەن توغراقلىق كۆلىمى تەخمىنەن 7 مىليون 120 مىڭ مو بولدى

بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگە قەدەر، بۇ يىل تارىم دەرياسىنىڭ پۈتۈن ئېقىن رايونىغا جەمئىي 2 مىليارد 498 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلگەن، ئېقىن رايونى ئىچىدىكى تەخمىنەن 7 مىليون 120 مىڭ مو توغراقلىق نەپكە ئېرىشكەن.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون تارىم دەرياسىنىڭ پۈتۈن ئېقىن رايونىغا داۋاملىق ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە تارىم دەرياسى مەنبە ئېقىنى ۋە غول ئېقىنىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى توغراقلىق رايونىغا 2 مىليارد 48 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاپ، تۆۋەن ئېقىنىغا 450 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىپ، 1 مىليارد 502 مىليون كۇب مېتىر يىللىق سۇ قويۇپ بېرىش نىشانىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى.

تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىغا جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى توغراقلىق تارقالغان بولۇپ، تەبىئىي ئورمان، ئوت - چۆپلەر بىلەن بىر تەبىئىي توسۇق ھاسىل قىلىنغان، بۇ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قۇم - بوران ھۇجۇمىنى توسۇش، بوستانلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ساقلاش، ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى «يېشىل كارىدور»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 2000 - يىلىدىن بۇيان، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

تارىم دەرياسىنى تۈزەش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، سۇ ساقلاش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، 2016 - يىلىدىن باشلاپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش تەدرىجىي ھالدا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىن پۈتۈن ئېقىن رايونىغىچە كېڭەيتىلدى، پۈتۈن ئېقىن رايونىدا نۇقتىلىق توغراقلىق مۇھاپىزەت رايونىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش خىزمىتى تەشكىللەپ يولغا قويۇلدى. 2019 - يىلىغا كەلگەندە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 20 - قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۇدا 4 - يىلى توغراقلىق رايونىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش يولغا قويۇلدى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019 - يىلى تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىشتە نەپكە ئېرىشكەن توغراقلىق كۆلىمى تەخمىنەن 7 مىليون 120 مىڭ مو بولۇپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى ئاشقان. تارىم دەرياسىنىڭ مەنبە ئېقىنى ۋە غول ئېقىنىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى ھەرقايسى توغراقلىق مۇھاپىزەت رايونىدىكى تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش پەسلىنىڭ ھەرقايسى مەزگىلىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈك كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ياخشىلىنىپ، تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېكىنىشكە قاراپ يۈزلىنىشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن. يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ ئۆرلىشى، يەر ئاستى سۈيى سۈپىتىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، سۇ مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.

ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىغا جەمئىي 8 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلگەن، توغراقلىق رايونىغا جەمئىي 5 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى