تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا سەككىز ئاي ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى

سودا قۇرۇلمىسى، تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتى

شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا سەككىز ئاي ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 131 مىليارد 460 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 25.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. بۇ يىل 3 - ئايدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتى تېز ئېشىشنى ساقلاپ، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا سەككىز ئاي ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان.

ئىگىلىنىشىچە، 3 - ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئايلىق ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىزچىل ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان، بولۇپمۇ 9 -، 10 - ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئايلىق ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى شىددەت بىلەن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %75.9، %83.9 ئاشقان.

سودا شەكلىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ چېگرا ئاز سوممىلىق سودا ئىمپورت - ئېكسپورتى 79 مىليارد 70 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.6 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئالتە ئۈلۈشىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن؛ ئادەتتىكى سودا شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت 42 مىليارد 810 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.6 ئاشقان؛ تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى ئەشيا ئوبوروتى مال ئىمپورت - ئېكسپورتى 4 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %254 ئاشقان؛ چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆتۈشمە بازار ئىمپورت - ئېكسپورتى 110 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %112 ئاشقان.

سودا قىلىنغان دۆلەتلەردىن قارىغاندا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆت ئۈلۈشتىن ئېشىپ، قازاقىستاننىڭ شىنجاڭنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھىلىق ئورنى داۋاملىق مۇقىم بولغان. ئالدىنقى ئون ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورتى 60 مىليارد 220 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.2 ئاشقان؛ قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورتى 19 مىليارد 50 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.5 ئاشقان. ئوخشاش مەزگىلدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورتى 3 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.3 ئاشقان؛ ئاۋسترالىيە، پاكىستان، ئەنگلىيە، ئارگېنتىنا، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت شىددەت بىلەن ئېشىپ، سودا ئوبيېكتلىرى كۆپ مەنبەلىشىش ۋەزىيىتى نامايان بولغان.

تاۋار تۈرلىرىدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولغان، ئېكسپورت قىلىنغان كىيىم - كېچەك ھەم كىيىم - كېچەك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى 26 مىليارد 440 مىليون يۈەن بولۇپ، %17.8 ئاشقان.

كارخانا تۈرىدىن قارىغاندا، خۇسۇسىي كارخانىلار داۋاملىق ئاساسىي رول ئالغان. ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭ خۇسۇسىي كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتى 98 مىليارد 370 مىليون يۈەن بولۇپ، %22.4 ئېشىپ، شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %74.8ىنى ئىگىلىگەن.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىشى سودا قۇرۇلمىسى ھەمدە دۆلىتىمىز ۋە ياۋروپا، ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىجارەت سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ئەلالىشىشىدىن بولغان. شىنجاڭنىڭ سودا قۇرۇلمىسىدا ئادەتتىكى سودا نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆسۈپ، ئىمپورت - ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىش ۋەزىيىتى نامايان بولغان، بۇ شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئاساس سالغان. ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭ كارخانىلىرى ئېكسپورت قىلغان ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى 598 مىڭ توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.0 تۆۋەنلىگەن، مال قىممىتى 26 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولۇپ، %34.7 ئاشقان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتا تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش روشەن بولۇپ، قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولغان؛ ئىمپورت جەھەتتە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار، داۋالاش ئەسۋابلىرى ھەم ئۈسكۈنىلىرى ۋە سۇ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %14.4، %59.7، 3.3 ھەسسە ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى