تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خاتىرجەم ياشايدىغان يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلىنىش

− ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش 

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ يى، يۈ چياڭفۇ، خەن چىنيەن

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ قىزىلئاۋات يېزىسى تاللىق كەنتىدىكى دېھقان توختى ئەمەر ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن چىلان ئۈزمەكتە. مەكىت ناھىيەسىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 560 مىڭ مو بولۇپ، مۆلچەرىي ھېسابلىنىشىچە، بۇ يىل چىلاننىڭ ئومۇمىي ھوسۇلى 250 مىڭ توننا، دېھقانلارنىڭ چىلاندىن قىلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 6000 يۈەن بولىدىكەن.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى جېننەن سىزغان)

مەكىت ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇب گىرۋىكىگە جايلاشقان، ئۈچ تەرىپىنى قۇم ئوراپ تۇرىدۇ، بۇ يەرنىڭ بايلىقى كەمچىل بولۇپ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قۇم - شېغىلمۇ 100 كىلومېتىر سىرتتىن يۆتكەپ كېلىنىدىغان بولۇپ، ناھىيە رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئېغىر چەكلەپ قويغان.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاتاكا سىگنالى چېلىنغاندىن بۇيان، مەكىت ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ، «دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، نامرات ئاممىغا «قان بېرىپ» قىسقا مەزگىللىك تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئاساسىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر مىللەت نامرات ئاممىنى يېتەكلەپ، خاتىرجەم ياشايدىغان يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلاندى.

 كەسىپلەرنى كۈچەيتىش تەرەققىيات ئاساسى سېلىش

مەكىت ناھىيەسى باغ - ئورمانچىلىق چوڭ ناھىيەسى، چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 560 مىڭ موغا يېتىدۇ. چىلان كەسپىنىڭ كۈچىيىش - كۈچەيمەسلىكى مەكىت ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يانچۇقىنىڭ تومپىيىش - تومپايماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ھالبۇكى، مۇھىت، بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق چەكلىمىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، مەكىت ناھىيەسىنىڭ باغ - ئورمانچىلىق كەسپى ئۇزاقتىن بۇيان كەسىپ زەنجىرى قىسقا بولۇش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق بوغما ھالەت چەكلىمىسىگە دۇچ كەلدى.

بۇنى كۆزدە تۇتۇپ، مەكىت ناھىيەسى باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنى كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە تۇتۇپ، خەلقنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاساس سالدى.

10 - ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، مەكىت ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ زاۋدۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونى پەۋقۇلئاددە ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كارخانا پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان چىلان سېتىۋېلىشنىڭ ئاۋات پەسلىگە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

«بۇ يىل كارخانىنىڭ سېتىۋېلىش مىقدارى 40 مىڭ توننا كۆلەمگە يېتىدۇ، بىز يېڭى تاللاش - تازىلاش ئۈسكۈنىسى كىرگۈزدۇق، زاكاز مال تاپشۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.» بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى فۇ خەيلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كارخانا يېڭىدىن 20 مىڭ توننىلىق زاكاز مال تاپشۇرۇش ئامبىرى قۇردى، چىلان سېتىۋېلىش مىقدارى بۇلتۇرقىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

بۇ يىل 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، چىلان زاكاز مېلى جېڭجوۋ تاۋار بېرژىسىدا بازارغا سېلىندى، مەكىت ناھىيەسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن ناھىيەدە چىلان تاپشۇرۇش ئامبىرىدىن ئىككىنى قۇردى، «سۇغۇرتا + زاكاز مال» ئەندىزىسى ئارقىلىق سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، چىلانچى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ناھىيە 140 باغ - ئورمان تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئىز قوغلاپ باشقۇرۇپ، پۈتۈن مۇساپىلىك مۇلازىمەت قىلىپ، چىلان ئۆستۈرۈش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

سېتىۋېلىش كارخانىلىرىدىكى ئۆزگىرىشتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «سۇغۇرتا + زاكاز مال» ئەندىزىسىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى بىر تەرەپتىن، كارخانىنىڭ سېتىۋېلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، چىلان سېتىشنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چىلان باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىش خەۋپ - خەتىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل مەكىت ناھىيەسىنىڭ چىلان ئومۇمىي ھوسۇلى 250 مىڭ توننا بولۇپ، دېھقانلارنىڭ چىلاندىن قىلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 6000 يۈەن بولىدىكەن.

مەكىت ناھىيەسى يەنە ئۆزىنىڭ پايدىلىق شارائىتىغا تايىنىپ، گۆش كالىسى كەسپىنى پائال ئورۇنلاشتۇردى. قۇملۇقنىڭ چېتىدىكى بۇ كىچىك ناھىيەنىڭ كەلگۈسىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئانگېس كالىسى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.

مەكىت ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋۇ جيەنچياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەكىت ناھىيەسى جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ياردەم بېرىش - يۆلەش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خېڭدا گۇرۇھىنىڭ 500 مىليون يۈەن ئىئانە ياردەم مەبلىغىنى كىرگۈزۈپ، «باشلامچى كارخانا + باقمىچىلىق بازىسى + كەنت كومىتېتى + نامرات ئاھالە» تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، زامانىۋى گۆش كالىسى باقمىچىلىقى كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى. باقمىچىلىق مەيدانى ھەم يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن ناھىيەدىكى 140 كەنت كومىتېتىغا ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىپ بېرىلىپ، كەنت كومىتېتلىرى پايچىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر يىلى 20 مىليون يۈەندىن كەم بولمىغان پايدىغا ئېرىشىپ، كەنت قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئىشلىتىدۇ.

«بۇ يىل مەن ئائىلىمىزنىڭ 15 مو يېرىنى كارخانىنىڭ بىرتۇتاش يەم - خەشەك، ئوت - چۆپ تېرىشىغا ئوبوروت قىلىپ بەردىم، يەر ئوبوروتىدىن ئىبارەت بىر تۈردىنلا 7500 يۈەن كىرىم قىلدىم.» مەكىت ناھىيەسى غازكۆل يېزىسى تالامەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەخەت مۆمىننىڭ ئېيتىشىچە، ئائىلىسىنىڭ يېرى ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ يەم - خەشەك، ئوت - چۆپ تېرىش، پەرۋىش قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، يىللىق ئىش ھەققى كىرىمى 13 مىڭ يۈەن بولغان، پۈتۈن ئائىلىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى سۈپىتى ئۆسكەن.

ئەخەت بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۆزگىرىش گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن كەلگەن. نۆۋەتتە، مەكىت ناھىيەسىدىكى يەرلىك باشلامچى كارخانىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئانگېس كۆپىيەلەيدىغان ئىنەكتىن 7000 تۇياق كىرگۈزۈلگەن، كېلەر يىلى 15 مىڭ تۇياققا يەتكۈزۈش پىلانلانغان. دېھقانلارنىڭ 40 مىڭ مودىن ئارتۇق يېرى ئوبوروت قىلىنىپ يەم - خەشەك تېرىقچىلىق بازىسى قۇرۇلغان، ئەخەتكە ئوخشاش بارغانسېرى كۆپ ئاددىي دېھقان گۆش كالىسى كەسپىگە قاتناشقان.

«بۇنىڭدىن كېيىن، ئانگېس كالىسى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىدىن 3500 نى كۆپەيتىدۇ.» ۋۇ جيەنچياڭ مۇنداق دېدى: كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى ۋە يادرولۇق نەسىل يېتىشتۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن ناھىيە يەنە كەسپىي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى يانداش راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، يەم - خەشەك، ئوت - چۆپ ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، چارۋا مەھسۇلاتلىرى سودىسى، پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپ سىستېمىسىنى قۇرىدۇ، ئۈچ يىلدىن كېيىن پۈتۈن ناھىيەدە ئانگېس كالىسىنىڭ بېقىلىش مىقدارىنىڭ 30 مىڭ تۇياققا يېتىشىدىن ئۈمىد بار، يەم - خەشەك، ئوت - چۆپ بازىسىنىڭ كۆلىمى 150 مىڭ موغا يەتكۈزۈلۈپ، يەم - خەشەك، ئوت - چۆپ يېرىدىن قىلىنىدىغان يىللىق مو بېشى ساپ كىرىم 1000 يۈەندىن ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمنى كۆپەيتىپ بېيىش يوللىرى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.

 ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۇتۇش خەلق تۇرمۇشى ئاساسىنى كۈچەيتىش

«ۋاڭ مۇدىر، مېنىڭ يەنە ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ ئىشلىگۈم بار.» ئىچكىرى رايونلاردىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلارنىڭ مەكىت ناھىيەسىگە ئادەم ئىشلىتىش ئىشىنى ئۇدۇللاشتۇرغىلى كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان مەكىت ناھىيەسى بازار جەمى بازىرى ئوكا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى شىرئەلى ئىمىن ئەتىگەندىلا ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى كەسپىي تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىنخۇڭنى ئىزدەپ تېپىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى.

24 ياشلىق شىرئەلى ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ناھىيەنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ ئىشلىدى، ئارىلىقتا ھازىرقى خوتۇنى بىلەن تونۇشتى، ياش ئەر - خوتۇنلار مەكىتكە قايتىپ توي قىلغاندىن كېيىن بالىلىق بولدى. بۈگۈنكى كۈندە شىرئەلى داۋاملىق سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، خوتۇنى ۋە بالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئويلىدى.

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، چۇڭچىڭ، يەنتەي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بىر نەچچە كارخانىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى مەكىتكە ئىشچى قوبۇل قىلىشقا كەلدى، بۇ، ۋاڭ شىنخۇڭنىڭ خىزمىتىنى ناھايىتى ئالدىراش قىلىۋەتتى. ئۇ ھەر كۈنى شىرئەلىگە ئوخشاش نۇرغۇن ياش بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى ئۈچۈن ئىزدەندى.

ۋاڭ شىنخۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكىت ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ناھىيە ئىچىدىكى باغچە رايونى ۋە يېزا - كەنتلەردىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىدا ئىشلەش، پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

نۆۋەتتە، مەكىت ناھىيەسى «پارتكوم بىرتۇتاش پىلانلاش، ھۆكۈمەت ئاساسلىق تۇتۇش، بۆلۈملەر بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، كارخانىنى ئاساس قىلىش»تىن ئىبارەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۆت مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئۇزاق مۇددەت سىرتتا تۇرۇپ ئىش ئورنىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ئەۋەتىپ، نامرات ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

«بىز مەكىت ناھىيەسىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان خادىملارنى ناھايىتى ياقتۇرىمىز، شۇڭا مۇنەۋۋەر خادىملارنى كارخانىمىزغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن ناھىيەگە كەلدۇق.» چۇڭچىڭ چىنچۇەن ئوقەتچىلىك(گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى كاڭ چىڭبىن مۇنداق دېدى: مەكىت ناھىيەسى كارخانىمىزغا مەخسۇس خىزمەتچى خادىم ئەۋەتىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خادىملارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا كۆنۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلارنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلدى.

«خادىملارنىڭ كارخانىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۇلار باشقۇرۇشقا بويسۇنىدۇ، خىزمەتنى مۇقىم ئىشلەيدۇ، ئۈنۈمىمۇ يامان ئەمەس.» كاڭ چىڭبىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ ئارتۇقچىلىقلار بولغاچقا، كارخانىمىز خاتىرجەم ھالدا ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش پىلانى تۈزۈپلا قالماستىن، كارخانىمىز يەنە قايتا تەكلىپ قىلىش، تەربىيەلەش سېلىنمىسىدىن خالاس بولدى. بۇ يىل، كارخانىمىز مەكىت ناھىيەسىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ سانىنى 200گە يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىدۇ، بارلىق خادىملار «ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش» تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى 4500 يۈەنگە يېتىدۇ، بەزى كونا خادىملار پەيدىنپەي باشقۇرغۇچىلىق ئىش ئورنىغا چىقىدۇ.

«بالا باققۇچى شەكلى»دىكى سەمىمىي مۇلازىمەت ئارقىلىق نامرات ئامما يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئېتىراپ قىلدى، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچەيدى، تېخنىكا ئۆگىنىش، ماھارەت ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ يۇقىرى بولدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل مەكىت ناھىيەسىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشقان، پۈتۈن يىلدا شىنجاڭنىڭ سىرتىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 2008 ئادەمگە، شىنجاڭنىڭ ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 2100 ئادەمگە، ناھىيە ئىچىدە ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 7599 ئادەمگە، مۇلازىمەت كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 24 مىڭ 951 ئادەمگە يەتكەن. پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئەمگەك ئىقتىدارى بار ھەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىغان 9537 نامرات ئائىلىدىكى 14 مىڭ 327 ئادەم مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بىر نامرات ئائىلىدىن بىرقانچە كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

 مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش بېيىش مەنبەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش

ئۈچ تەرىپىنى قۇملۇق ئوراپ تۇرىدىغان مەكىت ناھىيەسى مۇھىتنى ئۈنۈملۈك تۈزىمىسە ئىقتىساد، جەمئىيەتنى ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولالمايدۇ.

10 - ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، مۇخبىرلار مەكىت ناھىيەسى قۇمقۇسار يېزىسىدىكى مەكىت ناھىيەسىنىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش قۇم تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان رايونىغا كىرىپ، سۈنئىي تىكىلگەن دەرەخلەرنىڭ بۈك - باراقسان ئۆسۈپ ئورمانغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى پەقەتلا سەزمەي قالدى. بۇ، مەكىت ناھىيەسىنىڭ مىليون مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى، كۆپ يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە كۈچەپ، سۇ كەمچىل بولۇش، توك كەمچىل بولۇشتەك تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بۇ يېشىل قۇرۇلۇشنى ئىرادىسىدىن قايتماي ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە 340 مىڭ مو كۆلەم شەكىللەندۈرۈلدى.

مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا چىققاندا، كۆرۈش دائىرىسى ئېگىزلىكنىڭ ئېشىشى بىلەن كېڭىيىپ كەتمىدى، يېقىن ئەتراپتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تېرەكلەر يىراققا نەزەر سېلىش نەزەرىنى توسۇۋالدى، شۇنداقلا رەھىمسىز قۇم دېڭىزىنىمۇ توسۇپ، يېقىنلا يەردىكى مەكىت ناھىيەسىگە «يېشىل كۈنلۈك» تۇتۇپ بەردى.

«ئىلگىرى بۇ يەرنى قۇم - بوران قاپلاپ كېتەتتى، ھازىر ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بولدى.» قۇمقۇسار يېزىسى يۇقىرى تاۋا كېسسىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىن ئاتاۋۇللا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە ئورمىنى بولغاچقا، تۇرمۇش مۇھىتىمىز ياخشىلىنىپلا قالماي، يەنە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى، ھازىر مەن خوتۇنۇم بىلەن ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولدۇم، ئەر - خوتۇن ئىككىمىز ئايدا 3700 يۈەن كىرىم قىلىمىز.

ئېكولوگىيە ئورمىنىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بولغاچقا، ئىلگىرى گىياھ ئۈنمەيدىغان قۇملۇقلار نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئېتىزلىققا ئايلاندى. رەتلىك ئورمان بەلبېغى ئارىسىدا سۆكسۆك ۋە توشقانزەدىكى قۇملۇقتا قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈپ، بېيىش ئۈمىدىنى بارلىققا كەلتۈردى.

بۇ ئىككى يىلدا مەكىت ناھىيەسى ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، توشقانزەدىكى تېرىشنى ئاساس قىلغان ئورمان ئىقتىسادىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇردى، نۆۋەتتە 35 مىڭ مو كۆلەم شەكىللەندۈرۈلۈپ، 750 نامرات ئاھالە ئېكولوگىيە ئورمىنىنى باشقۇرۇش، قوغداشقا قاتناشتۇرۇلۇپ، مۇھىتنى ياخشىلاش ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن قىلىندى.

«نۆۋەتتە ئورماننىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، توشقانزەدىكىدىن قىلىنغان كىرىم ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ كۈندىلىك سۇ، توك قاتارلىق چىقىملىرىنى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە پۈتۈن ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا تۆھپە قوشتى.» مەكىت ناھىيەلىك قۇم تىزگىنلەش ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەمەت مەمەت مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئېكولوگىيە ئورمىنى ئىقتىسادى پۈتۈن ناھىيەدىكى نامرات ئائىلىلەرنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 يۈەندىن كۆپرەك نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

چوڭ مۇھىت ياخشىلىنىۋاتىدۇ، كىچىك مۇھىتمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بۇ يىل مەكىت ناھىيەسى ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، «ئۈچ رايوننى ئايرىش» تەلىپى بويىچە 40 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ھويلىسىنى ئۆزگەرتتى.

مەكىت ناھىيەسىنىڭ قىزىلئاۋات يېزىسى باغھويلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇۋەلى داۋۇتنىڭ ئائىلىسىگە كىرگەندە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھويلىنى پاكىز، رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، تېرىقچىلىق رايونىغا بەسەي، قىچا قاتارلىق كۆكتاتلار تېرىلغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھازىر ئاساسەن بازارغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋالمايدىغان بوپتۇ.

«ھويلىدىكى ئالتە پۇڭ يەرگە ھەر يىلى كۆكتات تېرىپ ئائىلەمنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن باشقا، ئېشىپ قالغانلىرىنى يەنە 1500 يۈەنگە ساتتىم» دېدى ئابدۇۋەلى.

بۇ يىل، مەكىت ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدىكى ھەممە ئائىلە ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ھويلا - ئاراندىكى مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مەكىت ناھىيەسى «مېۋە - چېۋە، كۆكتات سېتىۋېلىش - سېتىش مەركىزى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + ۋاسىتىچى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت ھويلا - ئاران ئىگىلىكى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ناھىيە دەرىجىلىك مېۋە - چېۋە، كۆكتات سېتىۋېلىش - سېتىش مەركىزىدىن بىرنى، كۆكتات سېتىۋېلىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 12نى، سېتىۋېلىش نۇقتىسىدىن 89نى قۇردى، يېزا ۋاسىتىچىسىدىن 89نى يېتىشتۈردى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆز ھويلىسىدىلا كۆكتات ساتالايدىغان بولدى.

بۈگۈنكى كۈندىكى مەكىت ناھىيەسىنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى، ئىشىنىمىزكى، نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىغاندىن كېيىنكى مەكىت ناھىيەسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش كۈرەش قىلىشقا تايىنىدۇ

يۈ چياڭفۇ

مۇخبىرلار مەكىت ناھىيەسىدە زىيارەتتە بولغاندا، ھەممىلا يەردە دېھقانلارنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.

بۇ خۇشاللىق ئەتراپىدا بولغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەردىن كەلگەن: كېسەك ئۆي ئەمىن ئۆيگە ئۆزگەردى، ئاسفالت يول ئىشىك ئالدىغىچە ياسالدى، مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھەميان بارغانسېرى تومپايدى... بەخت كۆز ئالدىدىلا تۇرسا، دېھقانلار قانداقمۇ خۇشال بولمىسۇن؟

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش كۈرەش قىلىشقا تايىنىدۇ. مەكىت ناھىيەسى قولغا كەلتۈرگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

بىر كىشى ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. مەكىت ناھىيەسى يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات ئائىلىلەردىن «بىر ئائىلىدىن بىر كىشى» «بىر ئائىلىدىن كۆپ كىشى»نىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كەسىپ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەكىت ناھىيەسى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئۇلۇغۋار پىلانلارنى كۆپلەپ يولغا قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خاس باغۋەنچىلىك، ئانگېس گۆش كالىسى، ئورمانغا كىرىشتۈرۈپ تېرىش، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى قاتارلىقلار ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

مەكىت ناھىيەسىدىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتى ئۆزگەرمەكتە، دېھقانلارنىڭ روھىي ھالىتى ئۆزگەرمەكتە. تېخىمۇ كۆپ دېھقان «ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بەختكە ئاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى