تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئورگانلار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرىنىڭ ئورنى مۇھىم، ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ئالاھىدە مۇھىم خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، باشقا ساھەدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن ئۈلگىلىك ۋە يۆنىلىش بەلگىسىلىك رول ئوينايدۇ. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئورگانلارنىڭ پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ كەسپىي خىزمەتلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ياچېيكىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئورگانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى تۈزۈمگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈش، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. سىياسىيدا كۈچلۈك، كەسىپتە قابىل، ئىستىلى ياخشى كادىرلارنى تاللاپ پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتىگە قويۇپ، پارتىيە ئىشلىرى كادىرلىرى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىغا بولغان تەلىم - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئورگان پارتىيە ئىشلىرى كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، كۈچەپ نەمۇنىلىك ئورگان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىشى كېرەك. ئورگان پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لىرى ئۆز ئورنىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك، پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بەنزىدىكى باشقا ئەزالارنى يېتەكلەپ «بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئورگان خىزمەت كومىتېتلىرى بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لارنىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، تىزگىنلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت كارخانىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى مۇھىم تىرەك ۋە تايانچ كۈچ. پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەشكىلىي جەھەتتە، تۈزۈم جەھەتتە، مېخانىزم جەھەتتە دۆلەت كارخانىلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانا پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرىنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن شىركەت ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىركەت ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، كارخانا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى شىركەت ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئىچىگە كىرگۈزۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شىركەت قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئىچىدىكى قانۇندا بېكىتىلگەن ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەشكىلىيلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش، كونكرېتلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە سادىق، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان، كارخانىنى ئىدارە قىلىشتا تەدبىرلىك بولغان، كارخانىنى گۈللەندۈرۈشتە نەتىجە يارىتىدىغان، پاك - دۇرۇس بولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن دۆلەت كارخانىلىرى رەھبىرىي خادىملار قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتى ئىش ئورنىنى كارخانىلارنىڭ بىرىكمە تىپتىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم سۇپا قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇل سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.