تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى سىياسىي - قانۇن، بىرلىكسەپ، ئەرزىيەت سىستېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي - قانۇن، بىرلىك سەپ، ئەرزىيەت سىستېمىسىدىكى كادىرلارغا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

ۋاڭ جۈنجېڭ «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، باش نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەش» «پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن لېكسىيە سۆزلىدى.

ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە تۈزۈم ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە تۈزەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي - قانۇن قوشۇنىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئۇل تېشىنى پۇختىلاش كېرەك.

لېكسىيە سۆزلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋاڭ جۈنجېڭ شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى