ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەبىئىي بايلىق سىستېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى
تەبىئىي بايلىقلارنى باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى ھەم ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن لېكسىيە سۆزلەش دوكلاتى بەردى.
جاڭ چۇنلىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە يادرولۇق ئاساسىي مەزمۇنى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى ھەم تەبىئىي بايلىق سىستېمىسىدىكىلەرگە ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەبىئىي بايلىق سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 - نۆۋەتلىك 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ھەقىقىي تۈردە تەبىئىي بايلىقلاردا «ئىككىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» يادرولۇق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، 3 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە دۆلەت زېمىنىنى تەكشۈرۈش، قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش، ئېچىش قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.