تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2013 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم، زور مەسىلە تەتقىق قىلىنىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللاندى.

«قارار»دا دۆلىتىمىز ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتا دۇچ كەلگەن مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشى ئىزاھلاندى. مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى يادرولۇق مەسىلە ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىتىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش.

«قارار»دا ئىسلاھات ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى تەدبىرلىرى گەۋدىلەندۈرۈلدى، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار گەۋدىلەندۈرۈلدى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولى گەۋدىلەندۈرۈلدى؛ پائال، پۇختا بولۇش، ئىلمىي پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىسى، مۇھىم، زور پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى، يېڭى مەنزىلى، يېڭى نىشانى سۈرەتلەپ بېرىلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ھۆكۈمى، يېڭى تەدبىرى توپلاندى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكەت ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەندى.

مەزمۇن قۇرۇلمىسى جەھەتتە، «قارار»دا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور مەسىلە تۇتقا قىلىنىپ، ماددا بويىچە پىلان تۈزۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مۇقەددىمە ۋە خاتىمىدىن باشقا، جەمئىي 16 قىسىم بولۇپ، ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈندى. 1 - قىسمى ئومۇمىي بايان بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەپەككۇر يولى ئاساسلىق بايان قىلىندى. 2 - قىسىمدىن 15 - قىسىمغىچە 2 - بۆلەكنى تەشكىل قىلغان تارماق بايان بولۇپ، ئاساسلىقى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەدىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلىرى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. 16 - قىسمى 3 - بۆلەكنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش بايان قىلىندى.

«قارار»دا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى، ئالدىن تەرتىپى، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، خىزمەت مېخانىزمى، ئالغا سىلجىتىش ئۇسۇلى ۋە ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىسلاھات نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتىدە بىر قاتار يېڭى، مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، بۇ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما، ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بولۇپ، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى