تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە يۈزلىنىپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. سودا رىقابىتى يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تاۋار ۋە ئامىل يۆتكىلىش تىپىدىكى ئېچىۋېتىشتىن قائىدە قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە ئۆزگىرىشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ، چەتكە چېتىشلىق ئىقتىساد - سودىنىڭ قانۇن ۋە قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشقى سودا ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپى ۋە سودا قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەندىزە ۋە كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سودا قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، ئىمپورت بىلەن ئېكسپورت، مال سودىسى بىلەن مۇلازىمەت سودىسى، سودا بىلەن قوش يۆنىلىشلىك سېلىنما، سودا بىلەن كەسىپنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ تەرتىپلىك ئەركىن يۆتكىلىشى، بايلىقنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشى، بازارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا كىرىم - چىقىمنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېچىۋېتىپ ھەمكارلىشىدىغان، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان خەلقئارا سودا يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. 2022 - يىلىغا بارغاندا، سودا قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالىشىپ، سودا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، سودا ئەمەلىي كۈچى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچىيىپ، سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۆرسەتكۈچ، سىياسەت، ئىستاتىستىكا، نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاش سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، سودا رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودا تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تەڭپۇڭ، ماس بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوشۇش كېرەك؛ سۇپا سىستېمىسىنى قۇرۇپ، سودىغا بولغان تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، قولايلاشقان سودا مۇھىتى يارىتىش كېرەك؛ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىش كېرەك؛ تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلار فۇنكسىيەسىگە ئاساسەن ئىش تەقسىملەپ، كونكرېت سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.