تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامرات تاغلىق جايدىن كۆچۈپ چىقىپ، يېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋېلىش

− ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش (10)

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى خەن چىنيەن، يۈ چياڭفۇ، ليۇ يى

11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بەلدىر يېزىسى شىندى كەنتى يەسلىسىدە كىچىك دوستلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سىيرىلغۇچ ئوينىماقتا، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش تاجىك مىللىتى چارۋىچىلىرىغا بەختلىك تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى.

(شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى جېننەن سىزغان)

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونى، چېگرا رايون، نامرات رايون بىرگەۋدىلەشكەن ئېغىر نامرات ناھىيە.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى پامىر ئېگىزلىكىگە «يېتىپ كەلگەندە»، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش پامىر ئېگىزلىكىدىكى نامرات دېھقان - چارۋىچىلارغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، تۆت يېزىدىن كەلگەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 358 نامرات ئائىلىدىكى 1448 كىشى تاتىكۆل نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچتى. ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەينى يىللاردىكى «قاقاسلىق» بۈگۈنكى كۈندە «ئالتۇن ساھىل»غا ئايلاندى.

باش قىش مەزگىلىدە، مۇخبىرلار تاتىكۆل نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى فۇمىن كەنتى، ئەيمىن كەنتىگە كەلدى، زىيارەت داۋامىدا نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنىڭ تاجىك چارۋىچىلارغا ئېلىپ كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

لاي، تاشتىن سېلىنغان ئۆيدىن خىش - بېتون قۇرۇلمىلىق يېڭى ئۆيگىچە −

«ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئۆزگەردى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ئالماشتى»

«ئىلگىرى ئولتۇرىدىغان جايىمىز ناھىيە بازىرىدىن ئىنتايىن يىراق ئىدى، تاغ يولى ئەگرى - توقاي بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا بىر قېتىم بېرىش ئۈچۈن دېڭىز يۈزىدىن 4500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاڭلې داۋىنىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى، زۆرۈر بولمىسىلا بىز سىرتقا ئىنتايىن ئاز چىقاتتۇق.» فۇمىن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق غالىب باجى مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇددى چۈش كۆرگەندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.

غالىب ئائىلىسىدە بەش جان بار، ئىلگىرىكى ئۆيىنى «ۋەيرانە» دەپ تەسۋىرلەشكە بولاتتى، لاي بىلەن تاشتىن سېلىنغان كونىراپ كەتكەن ئۆي «يازدا يامغۇرغا دالدا بولالمايتتى، قىشتا بوراندىن ساقلىيالمايتتى»، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كەنت تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، تۆت ئەتراپىنى تاغ ئوراپ تۇرغان بولغاچقا، ئۇلار دۇنيادىن ئايرىلىپ دېگۈدەك ياشايتتى.

«تاغ ئىچكىرىسىدىكى كۈنلىرىمىزدە نامراتلىقتىن، جاپادىن ھەقىقەتەنمۇ جاق تويۇپ كەتكەنىدۇق!» دېدى غالىب خۇرسىنىپ.

فۇمىن كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسمائىل ئابدۇرخان مارياڭ يېزىسىنىڭ پىل كەنتىدىن كۆچۈپ كەلگەن. پىل كەنتىدىكى جاپالىق كۈنلىرىنى ئۇ ئۆمۈر بويى ئۇنتۇيالمايدۇ: تاغ ئېگىز، جىلغا چوڭقۇر، يەر ئۈنۈمسىز، كەنتتىكى ئەڭ يىراقتا ئولتۇرىدىغان بىر ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا 270 كىلومېتىر كېلەتتى، كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن مارياڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايغا بېرىش ئۈچۈن 50 كىلومېتىر تاغ يولىنى بېسىشقا توغرا كېلەتتى، ئاتلىق ئۈچ كۈندە ئاران يېتىپ بارغىلى بولاتتى. يېزىلىق ھۆكۈمەت ناھىيە بازىرىغا 120 كىلومېتىر كېلەتتى، دېڭىز يۈزىدىن 4500 مېتىر ئېگىز داۋاندىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاجىز، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈزبېرىدىغان، «شۇ يەرنىڭ سۈيى، تۇپرىقى شۇ يەردىكىلەرنى باقالمايدىغان» جايلاردىن پەقەت مارياڭ يېزىسىنىڭ پىل كەنتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە داتۇڭ يېزىسى، ۋەچە يېزىسى قاتارلىق تۆت يېزىدىكى 1000دىن ئارتۇق ئامما نامرات تاغلىق جايغا قاپسىلىپ قالغانىدى.

2017 - يىلى، تاتىكۆل نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتا تۈرى رەسمىي يولغا قويۇلدى. ئېگىز، سوغۇق، چەت، يىراق تاغلىق رايوندا تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان تۈركۈم - تۈركۈم ئاممىغا ئۈمىد بېغىشلاندى.

چارۋىچىلار تاتىكۆلگە كۆچۈپ كېلىشنى خالىدى، ئالدى بىلەن، بۇ ياخشى جاي ئىدى. «ئەمىن ئۆي بارلىقىنى، ئوتلاق بارلىقىنى، چارۋىلارغا ئۆلچەملىك ئىسسىق قوتان بارلىقىنى، ناھىيە بازىرىغا يېقىنلىقىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغانىدۇق»، بۇ، ئەينى چاغدا تاتىكۆلگە كۆچۈپ بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ناھايىتى كۆپ ئاممىنىڭ ئورتاق ئىنكاسى.

تاتىكۆلنى كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىدىغان جاي قىلىپ تاللاش تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپلىق ئويلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى: تاتىكۆل ئەسلىدە بىر قاقاس چۆللۈك بولۇپ، يەر شەكلى نىسبەتەن تۈز، سۇ - تۇپراقنى ئېچىش ئارقىلىق تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ؛ ناھىيە بازىرى بىلەن ئارىلىقى 25 كىلومېتىر، قاتناش قولايلىق بولۇپ، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق.

تاغدىن كۆچۈپ چىقىشقا كۆپ خىراجەت كېتەتتى، ياردەم بېرىش - يۆلەش ئەمەلىيلەشكەندىلا، ئاندىن قەدەم ئالغىلى بولاتتى. ئۆي سالىدىغان خىش قەشقەردىن توشۇپ كېلىنگەن بولۇپ، بىر پارچە خىشنىڭ تەننەرخى بىر يۈەندىن ئارتۇق ئىدى. تۇرالغۇ، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسىدىن ئىجتىمائىي كاپالەتكىچە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە كۆچكەن چارۋىچىلارنى بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەرگە ئىگە قىلدى، ھەربىر ئائىلىگە 80 كىۋادرات مېتىرلىق خىش ئۆي، 100 كىۋادرات مېتىرلىق ئىسسىق قوتان سېلىپ بەردى، يەنە بوز يەر ئېچىپ، كىشى بېشىغا 2.7 مودىن يەر بۆلۈپ بەردى.

تاغدىن چىقىش ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىش بولسىمۇ، لېكىن راستلا كۆچىدىغان چاغدا، يۇرتداشلارنىڭ ھېسسىياتى يەنىلا مۇرەككەپ بولدى. «قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن جاي.» ئىسمائىل ئابدۇرخان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يېڭى كەنتتە سۇ، توك، يول، ئالاقىلىشىشنىڭ ھەممىسى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈلدى، ھەممە ئائىلە يېڭى ئۆي جاھازىلىرىنى ئىشلەتتى».

«يېڭى كەلگەندە، ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمايلا قالغانىدىم، ھەتتا ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىشنىمۇ بىلمەيتتىم، كۈنبويى ئۆيدىلا ئولتۇراتتىم، سىرتقا چىقىشقا جۈرئەتمۇ قىلالمايتتىم...» مارياڭ يېزىسىنىڭ پىل كەنتىدىن تاتىكۆلگىچە 180 كىلومېتىرمۇ كەلمەيتتى، چوڭ تاغ توسۇپ تۇرغانلىقتىن، 51 ياشلىق مەستۇرە نۇرەك ئەزەلدىن ناھىيە بازىرىغا بېرىپ باقمىغانىدى، شۇڭا يېڭى تۇرالغۇدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە قارىتا ئۇ ھەم خۇشال ئىدى، ھەم ئەندىشە قىلاتتى.

كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلارنىڭ يېڭى تۇرمۇشقا بالدۇرراق كۆنۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تاتىكۆل نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، قولايلىق بولغان «بىر پونكىت شەكلى»دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. ناھىيە يەنە بىر تۈركۈم كادىرلارنى ئاجرىتىپ، تۇغقانلىشىپ ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىش شەكلىدە كۆپچىلىك تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ ھەل قىلدى...

«چوڭ تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان چەت، يىراق چارۋىچىلىق نۇقتىسىدىن يېڭى كەنتكە كېلىپ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئۆزگەردى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ئالماشتى»، تاتىكۆل نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لۇڭ شىنشىن مۇنداق دېدى: ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى، ئەنئەنىۋى بايراملارنى تەبرىكلەش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنكى يېڭى تۇرمۇشقا تېزدىن كۆنۈشىگە ياردەم بەردۇق».

بۈگۈنكى كۈندە فۇمىن كەنتى، ئەيمىن كەنتىدە يوللار رەتلىك - پاكىز، يېڭى ئۆيلەر چىرايلىق، ھەممە ئائىلە ئىشىكى ئالدىدا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق رايونى قىلىپ، كۆكتات ۋە گۈللەرنى تېرىدى، ئۆيىنىڭ كەينىگە چىرايلىق، ئىسسىق قوتان سالدى، يېڭىچە يېزا گۈزەل مەنزىرىسى نامايان بولدى.

بىر ئاچقۇچ بىلەن بىر قۇلۇپنى ئېچىش −

«سىياسەتنى قەلبلەرگە ئورنىتىپ، <تۈگۈن>نى ھەقىقىي يېشىش»

ئۆينى كۆچۈرۈش ئاسان، لېكىن «كۆڭۈل»نى كۆچۈرۈش تەس. قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا كادىرلارغا تايىنىشتا.

ناھىيە، يېزا كادىرلىرى يىراق، چەت جايدىكى چارۋىچىلىق نۇقتىلىرى ۋە كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلەپ، «بىر قېتىم بولمىسا ئىككى قېتىم، ئىككى قېتىم بولمىسا ئۈچ قېتىم باردى»، بىر ئاچقۇچ بىلەن بىر قۇلۇپنى ئاچتى.

داتۇڭ يېزىسى كىچىكتۇڭ كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئاسمادى شەمىسبېك ئۆي كۆچۈش چىقىمىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى... يېزا كادىرى مەمەتبېك نىزاربېك قايتا - قايتا ئۆيىگە بېرىپ ئېتىبار سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئاسمادىنى غەمدىن خالاس قىلدى.

نامرات ئاھالە ئافتابېك مۇرامەمەت بىلەن ئېرى سىرتقا چىقسا كۆنەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرىدى. كادىرلار ئۆيىگە بېرىپ كۆڭۈل قويۇپ مۇنداق چۈشەندۈردى: «قاراڭلار، سىلەرنىڭ ئىككى بالاڭلار شۇنداق ئەقىللىق ئىكەن، ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ياخشى يەرگە ئاپىرىپ كۆزىنى ئاچمىساڭلار، كېيىن قانداقمۇ ئىستىقبالى بولسۇن؟ يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق نامرات ئۆتكىڭلار بارمۇ؟ يېڭى كەنتكە بارغاندىن كېيىن، نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا بېرىپ ئىشلىسىڭىز بولىدۇ، تۇرمۇشۇڭلار چوقۇم ھازىرقىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ».

مارياڭ يېزىسى نوشدۆڭ كەنتىدىكى نامرات ئاھالە مەمەتنەزەر تويچى خىزمەت تېپىش تەس بولۇشتىن ئەنسىرىدى، كادىرلار بارماقلىرى بىلەن كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا كىرىمىنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى قىلىپ بەردى: «يېڭى كەنت ناھىيە بازىرىغا 20 نەچچە كىلومېتىرلا كېلىدۇ، ھەقسىز تەربىيەلەشكە قاتنىشالايسىز، بىرەر تېخنىكا ئىگىلىسىڭىز ئىش تېپىش ئاسان بولىدۇ».

نېمىشقا كۆچۈرۈلىدۇ؟ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ شۈدۇڭ سەۋرچانلىق بىلەن مۇنداق چۈشەندۈردى: چارۋىچىلىق نۇقتىسى چەت، يىراققا جايلاشقان، تاغلىق كەنتنىڭ شارائىتى ناچار، كىشى بېشىغا ئارانلا نەچچە پۇڭ يەر توغرا كېلىدۇ، قورساقنى تويغۇزۇش تەس، بېيىش تېخىمۇ تەس. يېڭى كەنتكە بارسا، مەدەنىيەت ئۆيى، يەسلى، داۋالاش ئۆيى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق، «كۆز ئالدىمىزنىلا كۆرمەسلىكىمىز كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى يىراقنى كۆرۈشىمىز، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى كۆپرەك ئويلىشىمىز كېرەك».

نەگە كۆچۈرۈش كېرەك؟ كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ ئەھۋالنى ئېنىق ئىگىلەش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى خالىغان ئاساستا، ناھىيە تاتىكۆل نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى بىر تۇتاش پىلانلىدى، بۇ جاي ناھىيەگە يېقىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش قولايلىق بولۇپ، چارۋىچىلارنىڭ يېڭى تۇرالغۇسىمۇ ئەينى يىلىلا سېلىنغانىدى.

ئالدى بىلەن كەسىپنى يولغا قويۇپ، كېيىن كۆچۈرۈش، ناھىيە كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياردەم بېرىش - يۆلەش، تەربىيەلەش، مۇلازىمەتتىن ئىبارەت «بەش تولۇق قاپلاش»نى يولغا قويۇپ، «بىر ئائىلە كۆچسە، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كۆپ قېتىم چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى قىزىقتى... 2017 - يىلى 3 - ئايدا، مارياڭ يېزىسى پىل كەنتى كەنت ئاھالىلىرى چوڭ يىغىنى ئاچتى، كەنت ئاھالىسىنىڭ يېرىمدىن ئارتۇقى كۆچۈشكە قوشۇلدى.

بەزى ياشانغانلار يەنە: كۆچسەك نوپۇسىمىزنى قانداق قىلىمىز؟ ئوتلاق، يېرىمىزنى قانداق قىلىمىز؟ دېگەن ئەندىشىلەردە بولدى.

سىياسەتنى يەنىمۇ ئىنچىكە، ئېنىق چۈشەندۈرۈش. ئەينى ۋاقىتتىكى پىل كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسمائىل ئابدۇرخان ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ چاغدا، كەنتتە كۈندە كادىرلار بار ئىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەم - ئەندىشىسى بولسا، كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىگە يۈزتۇرا بىرمۇبىر چۈشەندۈرەتتى».

كۆچۈش - كۆچمەسلىكتە ئىختىيارىغا قاراش؛ نوپۇسنى يۆتكەش - يۆتكىمەسلىكمۇ ئىختىيارىچە بولۇش. ئوتلاق مەيدانىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى، تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇش ئېكولوگىيە ياردەم پۇلى سوممىسىنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوتلاقتا بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مال باققىلى بولىدۇ؛ ئەگەر كېيىن قۇرۇلۇش قىلىنىپ قالسا، يەر تولۇقلىمىسىدىنمۇ بىر ئۈلۈش ئالغىلى بولىدۇ.

كونا ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش ئاسان ئەمەس. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتوموبىلى يۇرتداشلارنىڭ «ئورتاق بەھرىلىنىش ئاپتوموبىلى»غا ئايلاندى، كەنت ئاھالىلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ توشۇلۇپ، تاتىكۆلنى كۆرۈشكە ئېلىپ بېرىلدى. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا: يېڭى ئۆيلەر چىرايلىق، كالا تېزىكى قالانماي، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز كۆيدۈرۈلىدۇ؛ ھاجەتخانا پاكىز، تۇرۇبىنى تولغىسىلا سۇ چۈشىدۇ...

چىن مۇھەببەت ئاخىر «تۈگۈن»نى يەشتى. ياشانغانلارمۇ قىزىقىشقا باشلىدى: «بۇنداق ياخشى سىياسەت تۇرسا، يەنە نېمىگە ئىككىلىنىمىز؟ كۆچەيلى!»

داتۇڭ يېزىسىنىڭ ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدىكى مىرەمەتخان پەيزىمەت تۇنجى بولۇپ كۆچتى. كۆچكەن كۈنى مىرەمەتخان شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە شېنجېننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كارخانىلىرى ئىئانە قىلغان توڭلىتىش ساندۇقى، كىرئالغۇ، سۇ ئىسسىتقۇ قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇۋالدى. «بۇرۇن تۇرغان جايدا ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەتكىمىز بولسىمۇ توك يوق ئىدى.» مىرەمەتخان ئۆيىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يېڭى ئۆي يەنىلا ئوخشىمايدىكەن، ئىسسىنىشقىمۇ توك ئىشلىتىمىز».

كۆچۈرۈش بىلەنلا بولدى قىلماسلىق −

«ھەممە ئائىلىنى تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدىغان قىلىش، باي بولالايدىغان قىلىش»

مۇقىملاشتۇرغىلى، بېيىتقىلى بولامدۇ - بولمامدۇ؟ بۇ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى سىناق.

مەمەتنەزەر سىدىقنىڭ يېڭى ئۆيى فۇمىن كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، 80 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېڭى ئۆي رەتلىك، پاكىز ئىدى، خوتۇنى ئاشخانا ئۆيدە ئالدىراش ئەتكەن چاي تەييارلاۋاتاتتى. «تاغدا تاماق ئېتىپ، چاي قاينىتىشنىڭ ھەممىسىدە كالا تېزىكىنىلا قالايتتۇق، سۇ، توك ئىشلىتىش قانداقمۇ ھازىرقىدەك قولايلىق بولسۇن؟ تاماق ئەتسەك سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىشلىتىمىز، كۈندە يۇيۇنالايمىز، بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى بولۇپ كەتتى!» دېدى مەمەتنەزەر.

كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ئىدى. تاشقورغان مەۋقەنى رايون ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يەر، باقمىچىلىق ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش يولىنى تېپىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، تىرىشىپ ئاممىنى قىلىدىغانغا ئىش بولۇش، كىرىمىنى ئاشۇرالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش. كۆچۈش باشلىنىشى بىلەنلا، ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت شېنجېن شەھىرىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ ياردەم بېرىش، يۆلەش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سۇ تېجەيدىغان تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەسى ئورنىتىپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق ۋە زامانىۋى چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇردى.

تاتىكۆل باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرى سېتىۋېلىشىغا 1 مىليون 338 مىڭ 600 يۈەن ئىئانە قىلدى.

«بۇ يەرگە ئارپا، كۆك پۇرچاق، بېدە قاتارلىقلار تېرىلسا، يىللىق ساپ كىرىم 465 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.» ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن كەلگەن نامراتلارنى يۆلەش كادىرى ما رۇڭسەي مۇنداق دېدى: تاتىكۆلدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 358 ئائىلىلىك 1448 كىشى بار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمنى 321 يۈەن ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق «شىركەت+بازا+دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇلدى؛ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، نامرات ئاھالىلەر تەربىيەلەندى، پىلانى بار، ئىقتىدارى بارلار سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈلدى.

«ھەممە ئائىلىنى تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش»نى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ياغاچچىلىق ھۈنىرى بار مەمەتنەزەر ناھىيە بازىرىدا بېزەكچىلىك قىلدى، ئىككى بالىسى ناھىيە بازىرىدا ئوقۇدى. «بۇلتۇر مەن بېزەكچىلىك قىلىپ 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم.» بۇ يىل قۇربان ھېيتتا، ئۇ ئىسمائىل ئابدۇرخاننى ئۆزىنىڭ يېڭى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى، «ھېلىمۇ ئاكا سىز نەسىھەت قىپتىكەنسىز، ئەگەر كۆچۈپ كەلمىگەن بولسام، قانداقمۇ قەددىمنى رۇسلىيالايتتىم!»

تارقاق كۆچۈرۈپ، مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. پامىر ئېگىزلىكىدىكى بۇ ئۈنۈمسىز جايدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇماقتا...

تاغلىق رايوندىن تۈزلەڭلىككە كۆچۈپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش، بېيىشقا قاراپ مېڭىش. تاشقورغاننىڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈشتىكى ئىزدىنىشىدە، تاتىكۆلنىڭ ئەمەلىيىتى «شۇ يەرنىڭ سۈيى، تۇپرىقى شۇ يەردىكىلەرنى باقالماسلىق»تەك قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، باشقا جايغا كۆچۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ يولنىڭ توغرا تاللانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. «تاشقورغاندا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن جەمئىي 4074 ئائىلىدىن 16 مىڭ 505 كىشى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، %40 نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئېلىپ بېرىلدى، تاتىكۆل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش پۈتۈن ناھىيەدىكى نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.» ۋاڭ شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى تاتىكۆلدە، ئىككى يېڭى كەنتتىكى ھەممە ئائىلە مىننەتدارلىققا تولدى، ھەممە كىشى ياخشىلىققا ئىنتىلىپ، ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقىشقا قەسەم قىلدى.

نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش ئاچقۇچ

خەن چىنيەن

كىشىلەر تاغ ئىچكىرىسىدىن كۆچۈرۈپ چىقىلسا، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئاران يېرىمى تاماملانغان ھېسابلىنىدۇ، «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىش»نى ياخشى ئىشلەشتە، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش ئاچقۇچ. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشى ئىنتايىن جايىدا بولۇپ، كۆچۈرۈش باشلانغان دەسلەپكى چاغدىلا، كېيىنكى يانداش خىزمەتلەر ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ماس ئىلگىرى سۈردى.

شېنجېننىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىپ قۇرۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شېنجېن كارخانىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، يېڭى كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلارنى نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش؛ ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ ياردەم بېرىش - يۆلەش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق ۋە زامانىۋى چارۋىچىلىق بەرپا قىلىش؛ دېھقان - چارۋىچىلار مەكتەپلىرىگە تايىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇش... بىر قاتار تەدبىرلەر ئەمەلىيلىشىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا، كىرىمىنى ئاشۇرالىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا «ئەمەلىي بولۇش»قا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىنسا، كۆپرەك دەل جايىدا كۈچەلسە، ئۆتكىلى بولمايدىغان قىيىن ئۆتكەل يوق. بۇ، تاشقورغاننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئىلھام.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى