تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سۈپەتلىك ماركا چاقنىدى  ماركېتىڭ دەل جايىدا بولدى

− ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال بايان

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ   پىراكتىكانت ۋاڭ جىڭيۈ

كۈمۈش رەڭ بىلەن قاپلانغان تاغلار، مەرۋايىتتەك سۈزۈك كۆل يۈزى، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن نەشپۈت دەرىخى چېچەكلىگەندەك تۇمان سۆڭگىسى... 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەت ئېلان قىلىش يىغىنىدا، LED ئېكرانىدا گۈزەل قىش پەسلىدىكى تىيانشان بوغدا كۆلى نامايان بولدى. بۇ يىل 11 - ئايدىن 2020 - يىلى 3 - ئايغىچە، بۇ مەنزىرە رايونى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان 7 - نۆۋەتلىك چوڭ قازان قوي گۆشى بايرىمى، يېڭى يىللىق تىلەك تىلەش، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش قاتارلىق 36 تۈرلۈك ئۆزگىچە مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى يىغىنغا قاتناشقان ناھايىتى كۆپ ساياھەت كوپىراتىپىنى جەلپ قىلدى. تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھىتى مەنزىرە رايونىنىڭ يەنە بىرنام كارتىسىغا ئايلانماقتا.

مەۋقەنى بايلىققا قويۇش، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆزگىچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىش... بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقايسى جايلار ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش جەريانىدا، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ «شىنجاڭ ياخشى جاي» سۈپەتلىك ماركىسىنى چاقنىتىپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رايون خاسلىقىغا ئىگە بىر تۈركۈم ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، سۈپەتلىك ماركا ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

■ بايلىق چوڭقۇر قېزىلىپ، ئۆزگىچە ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى

11 - ئاينىڭ بېشىدا، 2019 تەكلىماكاننى موتوسىكلىتلىق ئايلىنىش ئۆمىكىدىكى 30 مۇسابىقە ماھىرى خوتەننىڭ ئېگىز تاغ، قۇملۇقلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، 1400 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، جىلغا يارداڭ، تەكلىماكان قۇملۇقى، چۆل - جەزىرە ھەمدە كوئېنلۇن قارلىق تېغى قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىلىرى، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىدىن قانغۇچە بەھرىلەندى. «مەن نۇرغۇن جايلارغا بارغان، بۇ قېتىمقى خوتەندىكى كەچۈرمىشىم ئەڭ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى» دېدى موتوسىكلىت ماھىرى شۈ يىفېي ھاياجانلانغان ھالدا.

ئۆزگىچە بايلىقنى تايانچ قىلىپ، ئالاھىدە ساياھەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، بۇ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىرىشىپ ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسى يارىتىشتىكى يولى. خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى كەسىپ تەرەققىياتى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن سۇڭمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يەرلىك ئالاھىدە ساياھەتتە «كوئېنلۇن پەلەك يولى» نۇقتىلىق بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە بايلىق چۆرىدىلىپ، خوتەن شەھىرىدە قۇملۇق توغراق مەنزىرە رايونى، لوپ ناھىيەسىدە تەكلىماكان قۇملۇقى شادلىق باغچىسى، چىرا ناھىيەسىدە قۇم دېڭىزى زۇمرەتكۆل مەنزىرە رايونى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەنزىرە رايونلىرى كۈنسېرى يېتىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى تولۇق قېزىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىش پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

«تۇپرىقى پاكىز قاناس، قار ماكانى ئالتاي» «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى بارلىققا كەلگەن جاي» «جۇڭگو قار ماكانى»... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتاي ۋىلايىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەزلىك بەرپا قىلغان ساياھەت سۈپەتلىك ماركىلىرى. 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئالتايدا باشلانغان 14 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىنى ئۇدا ئىككىنچى يىلى بىرلىشىپ ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، يەنە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش نەتىجىسىنى گەۋدىلەندۈردى.

ئالتاي ۋىلايىتى قىشلىق ساياھەت كەسپىنى ساياھەت كەسپىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، دۇنياۋى ساياھەت مەنزىلگاھى، دۇنيا قار - مۇز ساياھەت مەنزىلگاھى ۋە دۇنيا قار - مۇز تەنھەرىكىتى مەنزىلگاھىنى سىجىل بەرپا قىلدى. تۇتقا توغرىسىدا، شۇ جاينىڭ پىكىر يولى ئېنىق بولدى − يەنى مەۋقەنى ئۆزگىچە بايلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىشقا قويدى. «قار - مۇز ساياھىتىنىڭ نوپۇزى، شۆھرىتى، تەسىر كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ۋاڭ جۈنئەن.

 كۆپ نۇقتىدىن چېچەكلىتىلىپ، سەرخىل مەھسۇلات قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرىدىكى دۇنيا موگۈيچېڭنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى مىسلىسىز بولدى. ھازىر، دۇنيا موگۈيچېڭ مەنزىرە رايونىنىڭ كېچىلىك ساياھەت چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى تۈرى تاماملاندى، ئىسسىق ھاۋا شارى، دىنامىكىلىق پاراشۇت، پىرقىرىما قاناتلىق ئايروپىلان قاتارلىق تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ بوشلۇقتا سەيلە قىلىش تۈرىمۇ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان سېتىش نۇقتىسىغا ئايلاندى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىلەر مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.

بۇ يىل، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ھەممىسى ساياھەت سەرخىل مەھسۇلاتلىرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتتى، نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى.

A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، موگۈيچېڭ مەنزىرە رايونىدىن باشقا، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى پامىر ساياھەت رايونىمۇ دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى پائال قولغا كەلتۈرمەكتە، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بەرپا قىلىشقا تەۋسىيە قىلىش، ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولماقتا.

سەرخىل مەھسۇلات ئەۋرىشكىگە ئايلانماقتا، شىنجاڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتتى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، باغراش ناھىيەسى بۇ يىل مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ باھالاندى؛ ئالتاي شەھىرى، بۇرچىن ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىمۇ دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلماقتا...

ھەرقايسى جايلارنىڭ ھەممىسى پائال ھەرىكەتكە كەلدى، قاراماي دەرياسى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، ئورقۇ ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى بەرپا قىلماقتا؛ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى، قاناس مەنزىرە رايونى، مارالبېشى ناھىيەسى خۇڭخەي مەنزىرە رايونى، خېجىڭ ناھىيەسى كۈنەس مەنزىرە رايونى، باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى قاتارلىق ئالتە مەنزىرە رايونى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلماقتا.

بۇ يىل، شىنجاڭ «S101 تىيانشان جۇغراپىيەلىك رەسىم كارىدورى سەرخىل ساياھەت لىنىيەسى» «چېشى قەدىمىي يولى سەرخىل ساياھەت لىنىيەسى» «تاشقورغان - يەكەن قەدىمىي يول سەرخىل ساياھەت لىنىيەسى» «ئالتاي - قۇم كەنتى ساياھەت تاشيولى» قاتارلىق تۆت سەرخىل ساياھەت لىنىيەسىنى ئىچىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، يېقىن كەلگۈسىدە، بۇ تۆت لىنىيە چوقۇم «مايتاغ - كۇچا تاشيولى»دىن قېلىشمايدۇ.

 ماركېتىڭ تەشۋىق قىلىنىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ياڭرىتىلدى

ماركېتىڭنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش خىزمىتى خوتەن مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرىنى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتتى. بۇ يىل، خوتەن تيەنجىن شەھىرى ياشلار ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ھەرقايسى دۇكانلىرىدا خوتەن ساياھىتىدىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىپ، 3 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئەتىيازلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ئەتىيازلىق ساياھەت بايلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى، تيەنجىن، خېفېي، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلاردا ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يەنە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەشكىللىگەن ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىگە پائال قاتناشتى. خوتەننىڭ «دۇنيا قاشتېشى ماكانى. يىپەك يولىدىكى داڭلىق شەھەر» بولۇشتەك نوپۇزى ۋە شۆھرىتى زور دەرىجىدە ئۆستى.

ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش پائالىيىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى ياڭراتتى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەدەنىيەت - ساياھەت مەسئۇل تارماقلىرى، مەنزىرە رايونلىرى، ساياھەت كەسپى جەمئىيەتلىرى، كارخانىلار، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى ئىچكىرى رايونلاردىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرگە بېرىپ 50 نەچچە قېتىم ماركېتىڭنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ۋە غەربىي جەنۇب، غەربىي شىمالدىكى كۆپ ساندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق جايلارنى قاپلىدى.

بۇ يىل 9 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ «شىنجاڭ كۈنى» ساياھەت مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى، مەدەنىيەت - ساياھەت سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، باھالاش قاتارلىق يۈرۈشلۈك كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە گۈزەل شىنجاڭنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى 1000 تۈردىن ئاشتى. شىنجاڭ ئەتىيازلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى، ئالاھىدە ساياھەت بايرىمى، ئىلى تۇلپار بايرىمى، ئۈستىقۇددۇس بايرىمى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمىدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ كېلىشكە جەلپ قىلىپ، ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولدى. 3 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئەتىيازلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن تۇرپان شەھىرى 755 مىڭ 700 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %367.06 ئاشتى؛ ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 604 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %378.18 ئاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەر خىل مەھسۇلاتلار ماركېتىڭى، ھادىسە ماركېتىڭى، ھېس قىلىش ماركېتىڭى قاتارلىق تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش پائالىيەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ ئەۋجىگە چىقتى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارمۇ «بىر جايدا بىر تەدبىر بولۇش» «بىر پەسىلدە بىر تەدبىر بولۇش» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ قار - مۇز، پۇقراۋى قونالغۇ، مەدەنىيەت، قۇملۇق قاتارلىق ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقىغا بولغان قىزىقىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت تەشۋىقات ماركېتىڭى لايىھەسىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەڭشەپ، تەرەپ - تەرەپتىن كېلىدىغان مېھمانلارنى جەلپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى