تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

قۇربان نىياز: ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ سۇغىرىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ھەربىر ئادەمدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن داۋاملىق مەكتەپ مۇدىرى قۇرباندىن ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمەن.» 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتىدە ئىپادىسى مۇنەۋۋەر بولغان 6 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈلزىبا ئەخمەت تەقدىرلەنگەن چاغدا بۇ سۆزنى قىلدى.

قۇربان نىياز قۇرغان ئالغا بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى دەرسخانىلارغا سىڭدۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىگىمۇ سىڭدۈرۈلدى. قەرەللىك ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتىدە ئىپادىسى ياخشى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش مەكتەپنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۆپلىگەن تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى» ئىسلاھات ئاۋانگارتى دەپ نام بېرىلگەن، «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن قۇربان نىيازنىڭ قارىشىچە، ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەككەن. بۇ يىل، ئۇ مەكتەپنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتتى: سىنىپلاردا ھەر كۈنى « سىنىپ ئېكرانى»دىن پايدىلىنىپ بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقات فىلىمى قويدى، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر ھەپتىدە مەركەزلىك بىر قېتىم قىزىل كىنو كۆردى؛ ئوقۇتقۇچىلار ھەر ھەپتىدە نۆۋەت بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى، ھەپتە ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلدى؛ ئوقۇغۇچىلار ھەر ئايدا ئىككى قىزىل ناخشا ئۆگىنىپ، ئاتا - ئانىلىرىنىڭ بىردىن قىزىل ناخشا ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

قۇربان ئالغا بازىرىدىن چىققان تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، 1986 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىر ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ئۇ ئاشخانا، تاللا بازىرى ۋە دورا دۇكىنى ئاچقان، ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن، ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوقۇغان ھەم مەكتەپ قۇرۇپ يۇرتىدىكى بالىلارغا دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇش ئارزۇسى تۇغۇلغان.

2003 - يىلى، قۇربان ئائىلىسىدىكى بارلىق يىغقان 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى چىقىرىپ، ئالغا بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇرغان. ئۇ يۇرتداشلارغا تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىكنى بالىلىرىنى ئوقۇشقا ئەكېلىشكە ئىلھاملاندۇرغان.

دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېزىدىن كەلگەن بولۇپ، دۆلەت ئورتاق تىلى ئاساسى ئاجىز ئىدى. قۇربان «سىڭدۈرۈش شەكلى»دىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى. مەكتەپتە بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئورتاق تىلىدا پىكىر ئالماشتۇردى؛ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا، مەكتەپ تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى ئوقۇتقۇچىنى دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى، بىر ئوقۇتقۇچى مۇنبەردە دەرس ئۆتسە، يەنە بىر ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ھەرىكىتى ئارقىلىق دۆلەت ئورتاق تىلىنىڭ مەنىسىنى شەرھلەپ چۈشەندۈردى؛ ھەر ھەپتىدە نۆۋەت بىلەن 3 - يىللىقتىن 6 - يىللىققىچە بولغان بىر سىنىپنى جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى جەۋھىرىنى ئۆگىنىش، شېئىر - قوشاقلارنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇردى...

پۈتۈن كۈنلۈك «سىڭدۈرۈش شەكلى»دىكى تەربىيە ئارقىلىق، بالىلار يېڭى مەكتەپكە كىرگەندە دۆلەت ئورتاق تىلىنى بىر ئېغىزمۇ سۆزلىيەلمەيدىغان ھالەتتىن، 3 - يىللىققا چىققاندا دۆلەت ئورتاق تىلىدا راۋان پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ۋە ئىپادىلىيەلەيدىغان ھالەتكە كەلدى.

دۆلەت ئورتاق تىلى ئوقۇتۇشى جەريانىدا، قۇربان يەنە مەخسۇس ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى ئىخچام دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا «كۇڭزىنىڭ ياقا يۇرتتا ئوقۇشى»، «خۇا مۇلەننىڭ ئەسكەر بولۇشى» قاتارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى، ئوقۇغۇچىلارغا جىڭجۈ تىياتىرى، يۆجۈ تىياتىرى ئېيتىشنى ئۆگىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى بىلەن جۇڭخۇا تىياتىرىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلىدى، مەكتەپ سەھنىلەشتۈرۈپ ئورۇنلىغان نۇرغۇن نومۇرلار كۆپ قېتىم ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىدە ياخشى باھاغا ئېرىشتى. ئالغا بازىرىدىكى نۇرغۇن كادىر، ئامما مۇنداق باھا بەردى: قۇربان ھەقىقەتەن بىر ياخشى باغۋەن، ئۇ چىن دىلى، ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن بالىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، شۇنداقلا جاپالىق ئەمگىكى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغاردى.

كۆرگەننىڭ كۆزىگە، ئاڭلىغاننىڭ قۇلىقىغا سىڭىدۇ، دېگەندەك، ئالغا بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلارنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمىگە بولغان قىزىقىشى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇش ئاكتىپچانلىقى بارغانسېرى ئاشتى؛ بالىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاتا - ئانىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ھازىر نۇرغۇن ئاتا - ئانا ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناش، قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىشقا ئامراق بولۇپ قالدى، يەنە ھويلا - ئارانلارنى ئۆزگەرتىشتە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى سىڭدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى