تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ھەقىقىي تۈردە قەلبلەرگە ئورنىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى مەھەللە ۋە ئالىي مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلىدى

ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ھەقىقىي تۈردە قەلبلەرگە ئورنىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى سۇ جۈنيا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ مەھەللە ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونى چىداۋان تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۈيجەن مەھەللىسىدە، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىنىڭ كەسىپ مۇلازىمەت مەركىزى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال ئەمەلىي مەشىق ئۆيىدە، شۈ خەيرۇڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن پىكىرلىشىپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى.

شۈ خەيرۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارارى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇش جەھەتتە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، جاپالىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ھەقىقىي تۈردە قەلبلەرگە ئورنىتىش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى