تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تۈمەنلىگەن كىشى قار ئېتىشىپ، چاڭغا تېيىلىپ، ئالتاي قار-مۇز بايرىمىنى جانلاندۇردى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، لۈ يىخەن خەۋىرى، فوتوسى) : يىراقتىكى قار تېيىلىش يولىدا، مىڭلىغان قەدىمىي قار تېيىلىش ھەۋەسكارى ئۇچقاندەك قار تېيىلماقتا. يېقىن ئەتراپتا، 10 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى ھەرخىل ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ قار ئۇسۇپ، يېنىدىكى كىشىلەرگە چاچماقتا، قار ئۇچقۇنلىرى ئاسماندىن چۈشكەندە كۈلكە سادالىرىغا جور بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
    11- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئىنسانلار قار تېيىلىش ھەرىكىتىنىڭ بۆشۈكىدە، شادلىق (تەنتەنە) بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە 2019- يىلى 14- قارارلىق شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت سودا كۆرگەزمىسى (قىسقارتىلىپ كۆرگەزمە دەپ ئېلىندى) نىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى سۈپىتىدە شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىگە ياردەم بېرىلدى.

    رەڭدار كۆزەينەك تاقاپ، ئوچۇق رەڭلىك قار تېيىلىش كىيىمى كىيىۋالغان كىشىلەر ئارىسىدا، بىر توپ ئەنئەنىۋى كىيىنىۋالغان، قولىدا ھاسا تۇتۇپ، تېرىدىن ياسالغان چاڭغىغا چىقىۋالغان موڭغۇل، قازاق ئەزىمەتلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى، ئۇلارنىڭ ياڭراق ئاۋازى، تاغ باغرىدا ئۇياق-بۇياق چېپىپ يۈرۈشى ۋە قار تېيىلىشى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
    قابا ناھىيەسىنىڭ جايلىما يېزىسىدىكى بۇ يىل قىرىق ياشقا كىرگەن جارقىن ئەنئەنىۋى چاڭغا تېيىلىش ماھىرى. 20 يىللىق تېرىدە ياسالغان چاڭغىدا قار تېيىلىش تەجرىبىسى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ چاڭغا ياساش ھۈنىرىنى تاۋلىدى.
    ئالتايدىن 12 مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىنسانلارنىڭ چاڭغا تېيىلىۋاتقان قىياپىتى ئويۇلغان تاش سىزما بايقالغاچقا، ئالتاي كىشىلەر تەرىپىدىن «ئىنسانلار چاڭغا تېيىلىش ھەرىكىتىنىڭ بۆشۈكى» دەپ ئاتالغان. يەرلىكلەرنىڭ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ياسىۋالغان چاڭغىسى ئەڭ قەدىمىي قار تېيىلىش ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى، ھەم ئۆتمۈشتىكى كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئوۋ ئوۋلاش ئەسۋابى.

    جارقىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تېرىدىن ياسالغان چاڭغىدا قار تېيىلغاندا ئادەم قارغا ئاسان پېتىپ قالمايدىكەن، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە ياشايدىغان پادىچىلار ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىكەن. «قىشلاقتا بەزىدە قېلىن قار تاغنى توسۇۋالىدۇ، كىشىلەر تېرىدە ياسالغان چاڭغا بىلەن ئوۋ ئوۋلايدۇ، مال توشۇيدۇ.» ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھازىر قاتناش قولاي بولسىمۇ، لېكىن ھەر يىلى قىشتا قاناس، قۇمقاناس، كۆكتوقاي قاتارلىق جايلاردا ئەنئەنىۋى چاڭغا تېيىلىش ئەترىتى تەشكىللىنىپ، يەنىلا ئون نەچچە مەيدان ئەنئەنىۋى قار تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ ئەنئەنىۋى ماھارەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، ئەنئەنىۋى تېرىدە ياسالغان چاڭغا بىلەن قار تېيلىشمۇ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئۆزگىچە قىشلىق ئاممىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
    ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن تېرە بىلەن چاڭغا تېيلىش ماھارىتىنى بوۋامدىن ئۆگەنگەن، كىچىكىمدە دادام تېرىدىن بىر چاڭغا ياساپ بەرگەنىدى.  بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئەنئەنىۋى ماھارەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بۇ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزنى تەشۋىق قىلىمەن.»

    ئېسىل چاڭغا تېيىلىش نومۇرلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى قار-مۇز باغچىسىغا ئايلاندى، ھەر يەر-ھەر يەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بالىلىق دەۋرىگە قايتىپ، قار ئېتىشىپ ئويناپ، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، توختىماي چىرقىراشتى، كىشىلەرنىڭ باش–كۆزىدىكى قار ئۇچقۇنلىرى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى غەملىرىنى ئۇنتۇلدۇردى، بالىلارمۇ چەكسىز قارلىق دالىدا قانغۇچە ئوينىدى.

    خۇنەنلىك ساياھەتچى سۈن خۇەن مۇنداق دېدى: «بەك قىزىدى، كىچىكىمدە دائىم قار ئېتىشىپ ئوينايتتىم، چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇنداق پۇرسەتلەر كەم بولغان، بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ بالىلىقىمغا قايتقاندەك بولدۇم» .
    ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ۋاڭ جۈنئەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قىشلىق ساياھەت سودا كۆرگەزمىسىدە يەنە فوتوگرافلار بايرىمى، «يىپەك يولى ساياھىتى . قار-مۇز سەيلىسى» ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى، جۇڭگودىكى قار ماكانىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش كۆزگەزمىسى، جۇڭگو ساياھەت ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 2019- يىلى 8- نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلغان. بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلەردە، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىشتىن سىرت، ئالتاي ۋىلايىتى يەنە 40 تۈرلۈك قىشلىق ساياھەت بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى