تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر يەن شوۋلىن خەۋىرى، فوتوسى) 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تېخنىك خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىگە چىڭسەينىڭ كېيىنكى باشقۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈردى. ئىككى يىلدىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە ھازىر بار بولغان پارنىكنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شۇ كەنتتىكى دېھقانلارنى پەسىلسىز كۆكتات تېرىشقا پائال يېتەكلىدى، يېقىندا 26 پارنىكقا تېرىلغان چىڭسەي، جۈسەي قاتارلىق كۆكتاتلار ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىپ، ھەر بىر پارنىكتىكى كۆكتاتنىڭ سېتىش كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى