11- ئاينىڭ 20- كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدە، بىر توپ تىبەت قۇلىنى ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چېن جيەنفېي خەۋىرى، فوتوسى) ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ئىپتىدائىي ئېگىزلىك ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان ئېگىزلىك تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلىرى قوغداش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشى ۋە قوغدىشى ئارقىسىدا، ئېگىزلىكتىكى ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈردى، ياۋايى ھايۋانلار تۈر توپىمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، مۇھاپىزەت رايونى تىبەت قۇلىنى، قوتاز، تىبەت بۆكىنى قاتارلىق كۆپ خىل ياۋايى ھايۋانلار ياشايدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى