تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن بورتالا شەھىرى، خوتەن شەھىرى قاتارلىق جايلاردا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پىراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى، جاڭ ۋەندې فوتوسى) 11-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت كۈنىدە، بىز بىرلىكتە ھاۋارايىغا دىققەت قىلىپ باقايلى. بۈگۈن بورتالا شەھىرى، قاراماي شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، خوتەن شەھىرىدە بۇلۇتلۇق قارلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، باشقا جايلاردا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، تېمپېراتۇرا بىر ئاز تۆۋەن بولىدۇ.

  بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃5-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃12- بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 12- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن بۇرۇن تېمپېراتۇرا بىر ئاز ئۆرلەيدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃2- ئەتراپىدا بولىدىكەن، ئەمما ئەتىگەن ۋە كەچتە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولىدىكەن.

  شوپۇر ئۇستاملار دىققەت، بۈگۈن ئازراق قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G315 لىنىيەسىنىڭ خوتەندىن ماڭياغىچە بولغان بۆلىكى ۋە جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال قار ياغىدۇ؛ تۇمانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ جىڭدىن شىخەنزىگىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى